ئىندىئانلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلارمۇ؟

ۋاقتى:2010-10-23 14:22مەنبە: تەھىرىر:مىسكىن روھ چېكىلىشى:قىتىم
  

ئىندىئانلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلارمۇ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

1    – ئاينىڭ 26 – كۈنى نيۇ-يوركتىكى تۈرك ئۆيىدە ئانتروپولوگلار، تىلشۇناسلار ۋە ئىندىئانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئىندىئانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىقلار» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئىندىئانلارنىڭ چىڭگىزخاندىن قېچىپ بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە كېلىپ يەرلىكلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزى بىلىملىك كىشىلەر بۇ كۆز قاراشقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارىغان. www.iz.la
   بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ كۆز قاراشقا تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بېرىلگەن. تۈركىيىدىكى پۈتۈن تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بېرىلگەندىن باشقا، تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «ھۆرىيەت» گېزىتىدە «ئىندىئانلار راستىنلا چىڭگىزخاندىن قېچىپ ئامېرىكىغا بېرىپ قالغان تۈركىي مىللەتلەرمۇ؟» تېمىسىدا، رادىكال گېزىتىدە بولسا «تۈركىي مىللەتلەر ئىندىئانلارمۇ؟ ياكى ئىندىئانلار تۈركىي مىللىتىمۇ؟» تېمىسىدا، مىللەت گېزىتىدە بولسا «بىر بىرىمىزدىن پەرقىمىز يوق» تېمىسىدا خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   رادىكال گېزىتىدىكى خەۋەردە ئىندىئانلارنىڭ چىڭگىزخاندىن قېچىپ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ مۇنداق دەپ يېزىلغان: ”گارگىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. تۈركەر ئۆزدوگان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر بىلەن سىبىرىيىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دانا تەھلىلى نەتىجىسىدە، بۇلارنىڭ ئىندىئانلار بىلەن بىر تۇغقان ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئىندىئانلار بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىپ قالغان كىشىلەردۇر. 1233 – يىلىدا كۆچۈپ كەلگەنلەر بولسا چىڭگىزخاندىن قېچىپ كېلىپ قالغان ئۇيغۇرلاردۇر.” بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   رادىكال گېزىتىدىكى خەۋىرىدە پروف. در. ئۆزدوگان ئەپەندىنىڭ ئىندىئانلارنىڭ ئامېرىكىدا تۈركىي تىللىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلىنغان. ئامېرىكىدىكى «ھاۋاسۇ» ناملىق كەنتنىڭ ئىسمىنىڭمۇ تۈركچە سۆز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
يىغىندا سۆز قىلغان گارگىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. مارجورى ماندالستام بالزەر، ئىندىئانلار بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر تۇغقان مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش خاتا بولسىمۇ، بەزى ئىندىئان قەبىلىلىرى بىلەن بەزى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر تۇغقان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئىندىئان قەبىلىلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ چىڭگىزخاندىن قېچىپ بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە كېلىپ قالغان تۈركىي مىللەتلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى، ئىندىئانلار بىلەن تۈركىي مىللەتلەردە ئېيىق، بۆرە، قارچۇغىغا ئوخشاش ئورتاق توتېملەرنىڭ بارلىقىنى، سىبىرىيىدىكى ياقۇتىستاندا ياشايدىغان تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئىندىئانلار ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىقلارنىڭ كۆپلىكىنى، ئالاسكادا تۇرۇشلۇق ئىندىئانلارنىڭ تۆمۈرچىلىككە ئۇستا بولۇشىنىڭ تۈركىي مىللەتلەردىن كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە سۆزىدە شامانلارنىڭ قەدىمقى تۈركلەرنىڭ دوختۇرى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە كالىفورنىيەدىمۇ بۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئامېرىكا مىشىگېن دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پروف. در. تىمۇر كوجا ئەپەندى سۆزىدە، ئىندىئانلارنىڭ تىلى بىلەن تۈركىي تىللار ئارىسىدا پەقەتلا لېكسىكا جەھەتتىن ئوخشاشلىق بولۇپلا قالماي، سىنتاكسىس جەھەتتىنمۇ ئوخشاشلىقلار بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىز تورى بەك ياخشى

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

                                                    يارغول بلوگىدىن ئېلىندى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(12)
66.7%
ئالقىشلايمەن
(6)
33.3%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

    ئۆز دىيارىمنىڭ خاسلىقى ۋە خەلىقلىرىنىڭ مىھماندوست،ئاددى-ساددا...

  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...