دىققەت قىلىش ...
ئىككى دوسىت قىزلار ئۈستىدە پاراڭلىشىپ قاپتۇ .
__ سەن چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە ئاۋۋال نېمىگە بەكرەك دىققەت قىلىسەن ؟ - دەپ سۇراپتۇ بىرى .
__ يېقىن ئەتىراپتا خوتۇنۇمنىڭ بار – يوقلۇقىغا ، - دەپتۇ دوستى .
ئوپراتسىيەدىن كيىن ...
سېستىرا : دادىڭىزنىڭ يۈرەك ئوپراتسىيەسىدىن كېيىنكى ئەھۋالى قانداقراق ؟
بالىسى : ئۇ ئۆزىنى ئىككى يۈرۈىكى بار ئادەمدەك ھېس قىلىدىكەن .
سېستىرا : ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرنىڭ قول سائىتىنى ئىزدەپ يۈرگىنى بىكار ئەمەسكەن – دە !
سە مىمىي گۇۋاھچى ...
سوتچى : گۇۋاھچى، سەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى مەن ساڭا بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قوياي ، قانۇن ئالدىدا سەن پەقەت ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن ئىشنىلا سۆزلىشىڭگە يول قۇيۇلمايدۇ، ئۇقتۇڭمۇ ؟
گۇۋاھچى : ئۇقتۇم، سوتچى ئەپەندىم.
سوتچى : ئۇنداقتا، سەن ماڭا قاچان، قەيەردە تۇغۇلغانلىقىڭنى ئېيتىپ بەر.
گۇۋاھچى : كەچۈرۈڭ، سوتچى ئەپەندى. مەن بۇنى سىزگە دەپ بىرەلمەيمەن. چۈنكى، بۇنى ئاپام ماڭا دەپ بەرگەن .