ئافغانىستانلىق بىر ئوغۇل چاڭ–توزانلىق بوراندىن دالدىلانماقتا
ھىندىستاننىڭ بوپال شەھىرىدە مېتىل ئىزوسئانات ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەردى
1984–يىلى ، ھىندىستاننىڭ بوپال شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر دورا زاۋۇتىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن 40 نەچچە توننا مېتىل ئىزوسئانات ئېقىپ كېتىپ ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈشتەك دۇنياۋى پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
پاجىئە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئۆلگىچىلەرنىڭ باش سۆڭىكىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مېتىل ئىزوسئاناتنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىگە نىسبەتەن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە تەخمىنىي ھۆكۈم قىلىندى . بۇ خىل خىمىيەلىك ماددا يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي ، يەنە ئەتراپتىكى ھايۋانات ۋە دەل–دەرەخلەرگىمۇ ئىنتايىن چوڭ تەھدىت ئېلىپ كەلدى ، ئاز دېگەندىمۇ 2000 ھايۋان زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى ، دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى بىر قانچە كۈندىن كېيىنلا ساغىرىشقا ھەم تۆكۈلۈشكە باشلىدى.
ئەشۇ مىنۇتلارنى ئەسلىسەك ، كۆز ياشلىرىمىز ئىختىيارسىز ئېقىپ چىقىدۇ
2001–يىلى 11–سېنتەبىر سەھەردە ، بۇلانغان ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانى نيۇيورك شەھىرىدىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ قوشماق بىناسىغا سوقۇلدى . بۇ تاساددىپىيلىق ئەمەس ، بەلكى بازا تېررورلۇق تەشكىلاتى پىلانلىغان بىر قېتىملىق ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى . بۇ ۋەقەدە ئايروپىلاندىكى بارلىق كىشىلەر قازا قىلدى ھەم دۇنيا سودا مەركىزىدىكى 2974 نەپەر بىگۇناھ ئادەمنىمۇ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى . 90 نەچچە دۆلەتنىڭ ئاھالىسى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلدى . پايچەك بازىرى مۇشۇ سەۋەبتىن بىر ھەپتە تاقالدى.
بىفرا (نىگېرىيەنىڭ بىر رايونى)
نىگېرىيەنىڭ شەرقىدىكى ئىبولار 1967–يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندا ، نىگېرىيە دەرھال قانات–قۇيرۇقى يېتىلمىگەن بۇ ‹‹دۆلەت›› ــــ بىفرانى قامال قىلدى . ئۈچ يىل داۋاملاشقان بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاچلىقتىن ئۆلگەن . ئاچارچىلىق مەزگىلىدە ، ئاقسىل كەمچىل بالىلار ئادەتتە يامان سۈپەتلىك ئوزۇقلىنىش ناچارلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولاتتى ، بۇ خىل كېسەللىك ئۇلارنىڭ مۇسكۇللىرىنى كۈنسېرى يىگىلىتىۋېتىدۇ ، قورسىقىنى بولسا پومپايتىپ چىقىرىۋېتىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
بۇخېنۋالد جازا لاگېرى
1937–يىلى ، ناتسىستلار گېرمانىيەنىڭ ۋېيمار ئەتراپىغا بۇخېنۋالد جازا لاگېرىنى قۇرغان بولۇپ ، جازا لاگېرىنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىگە ‹‹ھەر كىم ئۆز ئورنىنى تېپىش›› دېگەن خەت يېزىلغان. بۇ جازا لاگېرى 1945–يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئازاد بولغان. 1945–يىلىدىن 1950–يىلىغىچە ، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ جاينى ئىچكى ئىشلار خەلق كومتېت ئەزالار ئىشتابىنىڭ ئالاھىدە لاگېرى قىلىپ ، ناتسىست ئۇنسۇرلىرى ۋە باشقا نېمىسلارنى قاماشقا ئىشلەتكەن. 1950–يىلى 6–يانۋار ، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇخېنۋالد جازا لاگېرىنى شەرقىي گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار قوماندانلىق ئىشتابىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن ، ناتسىستلار پارتىيەسى مۇھاپىزەت ئارمىيەسى سان–ساناقسىز مەھبۇسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. قويۇپ بېرىش ، يۆتكەش ، ئۆلتۈرۈش بويىچە ئۇلارنى بىرمۇ بىر تۈرگە ئايرىغان ھەم تۈرگە ئايرىش سانلىق مەلۇماتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، بۇخېنۋالد جازا لاگېرىدىكى ئۆلگەنلەر سانىغا قارىتا قىلىنغان ئىستاتىستىكىنىڭ ئىنتايىن كۆپ قىسمى مۇشۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن كەلگەن . ناتسىستلار پارتىيەسى مۇھاپىزەت ئارمىيەسىنىڭ ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، 33 مىڭ 462 ئادەم بۇخېنۋالد جازا لاگېرىدا ئۆلگەن . لېكىن بۇ ھۆججەت ماتېرىيالىنىڭ توغرا بولۇشىمۇ ناتايىن . 1944–يىلىدىن بۇرۇن، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان بۇ ئادەملەر كۆپى ‹‹گېستاپو›› (فاشىست گېرمانىيەسىنىڭ دۆلەتلىك مەخپىي تەشكىلاتى) غا كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، 1941–يىلىدىن باشلاپ ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسىرلىرى كەڭ كۆلەمدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلار جازا لاگېرىنىڭ خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن ، شۇڭا ، ناتسىستلار پارتىيەسى مۇھاپىزەت ئارمىيەسىنىڭ ھۆججىتىدىكى ئۆلگەنلەر سانى توغرا ئەمەس.
كۆمۈلگەن نامسىز بالا
بۇ سۈرەت كىشىلەرگە دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر سانائەت ئاپىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ ، بۇ ئاپەتنى ئامېرىكىدىكى دۆلەت ھالقىغان خىمىيە سانائىتى شىركىتى Union Carbide پەيدا قىلغان.
راھىبنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈشى
بۇددا راھىبى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ۋيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھاتىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن. ماخايانا بۇددا دىنىنىڭ بۇ راھىبى سايگون شەھەر ئەتراپىدا ئۆزىنى تىرىك پېتى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋالغان ، بۇ ئارقىلىق ۋيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ ئېقىمغا قارشى ھەرىكىتىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن . ئۇ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ جەسىتى قايتىدىن كۆيدۈرۈلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ يۈرىكى كەم–كۈتىسىز مۇكەممەل ھالدا ساقلاپ قېلىنغان . يەنە مۇشۇ ۋەقە سەۋەبىدىن ، ئۇ باشقا راھىبلار ۋە مۇرىتلار تەرىپىدىن بۇدساتۋا دەپ ھۆرمەتلەنگەن. ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ھەرىكىتى يەرلىك ھۆكۈمەتكە چوڭ بېسىم پەيدا قىلغان.
ئورمان ھايۋانلىرى
بۇ سودا قانۇنسىز بولسىمۇ ، ئوۋچىلار بۇ ياۋايى ئورمان ھايۋانلىرىنى باي بولۇش ياكى تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن قانۇنسىز ئوۋلاپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن چوڭ ھايۋانلاردىن تارتىپ يىلانغىچە بولغان بۇ جانلىقلار كۈنسېرى تاۋارلار ئىچىدىكى بازارلىق مالغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ . ھەر يىلى ياۋايى ئورمان ھايۋانلىرىنىڭ تەخمىنەن بىر مىليون توننا گۆشى سېتىلىدۇ ، ھالبۇكى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان گورىللا بۇ سودىدىكى زىيانلانغۇچى بولۇپ ، ئۇلار ھازىر قاتتىق ئازاب–ئوقۇبەت ئىچىدە قالدى. بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلگىنى كامېرۇننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى گورىللا جەمەتى بولۇپ ، ئوۋچىلار ئۆتكەن بىر كۈنى سەھەردە ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىنى ئەسلى–ۋەسلىنى قويماي ۋەيران قىلىۋەتكەن.
ۋيېتنام پارتىزانلار ئەترىتى ئەزاسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش
بۇ سۈرەت فوتوگراف Eddie Adams نىڭ ئەسىرى بولۇپ ، مۇشۇ سۈرەت سەۋەبلىك ئۇ پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. سۈرەتتە ئەكس ئەتتۈرۈلگىنى جەنۇبىي ۋيېتنام ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رۇەن يۈۋەننىڭ ئامما ئالدىدا ۋيېتنام پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ داھىيسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدۇر.
Hector Pieterson
ھېكتور پېتېرسون 1976–يىلى جەنۇبىي ئافرىقا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش سوۋېتو قوزغىلىڭىنىڭ ناماياندىسى. جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغان ھېكتورنى بىر ساۋاقدىشى ئېلىپ كېتىدۇ. Hector Pieterson ئالەمدىن ئۆتكەندە ئاران 12 ياش ئىدى. شۇ چاغدا ، ساقچىلار قارشىلىق بىلدۈرگەن بىر توپ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، 16–ئىيۇن ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش خاتىرە كۈنى بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، ھازىر بۇ كۈن ھەممە بىلىدىغان خەلقئارا ياشلار بايرىمىغا ئايلاندى. بۇ كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقا نەزەرىنى ياشلارغا ئاغدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ۋىننىتسادىكى ئەڭ ئاخىرقى يەھۇدىي
بۇ سۈرەت بىر پارتىيە مۇھاپىزەت ئەترىتى ئەسكىرىنىڭ شەخسىي ئالبۇمىدىن ئېلىنغان بولۇپ ، سۈرەتنىڭ كەينىگە ‹‹ ۋىننىتسادىكى ئەڭ ئاخىرقى يەھۇدىي›› دەپ يېزىلغان . سۈرەتتە ، ئۇكرائىنا ۋىننىتسادىكى جەسەتكە لىق تولغان بىر گۆردە ، بىر پارتىيە مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئەسكىرى يۈكۈنۈپ تۇرغان يەھۇدىيغا تاپانچا تەڭلەپ قارغا ئېلىپ تۇرىدۇ . ئەينى چاغدا، ۋىننىتسادىكى 28 مىڭ يەھۇدىي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار ئىنسان قېلىپىدىن چىققان چوڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان.
نېگىر ياشلارغا ئۆز ئالدىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش
بۇ مەشھۇر سۈرەت 1930–يىلى تارتىلغان بولۇپ ، ئاق تەنلىك بىر قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان ھەم ئۇنىڭ يىگىتىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن نېگىر ياشلارنىڭ 10 مىڭ ئاق تەنلىكنىڭ كۆز ئالدىدا دارغا ئېسىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
قاتۇرۇلغان بېنزىن بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان قىزچاق
سۈرەتتە ۋيېتنام ۋە كانادا قان سىستېمىسىدىكى Phan Thi Kim Phúc ئىسىملىك توققۇز ياشلىق بىر قىزچاقنىڭ قاتۇرۇلغان بېنزىن بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ، دۈمبىسى ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ كېتىپ ، كوچىدا يالىڭاچ يۈگۈرۈپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
پەلەستىنلىك ئاتا ئوغلىنى قوغدىماقتا
بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەتتە تەسۋىرلەنگىنى 12 ياشلىق Muhammad al-Durrah نىڭ گازا رايونىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئايرىۋېتىلگەن
بۇ سۈرەتتىن بىز چوڭ ھەم ياخشى داسنىڭ ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن قويۇلغانلىقىنى؛ كىچىك ھەم ناچار داسنىڭ رەڭلىك ئادەم (جەمەتىدە نېگىر قېنى ئارىلاشقان ئادەم) لەرنىڭ ئىشلىتىشىگە قويۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
خەتكۈچلەر:
(
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ تورى گە تەۋە
)