ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

يەرشارىدىن باشقا جايدا ھاياتلىق مەۋجۇتمۇ ؟

ۋاقتى:2010-09-25 12:34مەنبە: تەھىرىر:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

تاشقى پىلانىتتا ھاياتلىق مەۋجۇتمۇ ؟ بۇ سۇئال قەدىمدىن بۇيان ئۆزگەرمەي،تەكرارلىنىپ كەلدى .بىز ياشاۋاتقان بۇ يەرشارىدا ھەرخىل شەكىلدىكى جانلىقلار بۇ شارسىمان جىسىمنىڭ ھەربىر بۇلۇڭلىرىغا قەدەر تارقالغان بولۇپ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆمىلىسە ،بەزىلىرى،ئۇچىدۇ،يەنە بەزىلىرى سۇدا ئۈزسە يەنە بەزىلىرى بولسا ،يەر بېغىرلاپ ياشايدۇ.پەيدا بولغىنىدىن تارتىپ ھاياتلىق ھەرخىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولدى،بەزىلىرىنىڭ نەسلى قۇرىدى ،ئۇنىڭ ئورنىنى ئۇ جانلىقلارنىڭ نەۋرە-چەۋرىلىرى،بەزىللىرنىڭ ئورنىنى بولسا يېڭى ھاياتلىق ئىگىلىدى.
ئىنسانلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ،باشقا جايىدىمۇ يەرشارىمزغا ئوخشاش رەڭگارەڭ ،گۈزەل مەنزىرە ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى ھاياتلىق بارمۇ يوق دېگەن سۇئال پەيدا بولۇشقا باشلىدى.ئىنسانلارنىڭ باشقا پىلانىتتىكى ھاياتلىققا بولغان قىزىقىشى بارغانسېرى ئاشتى . ئالەمنىڭ دائىرسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ،ئۇنىڭدا بىزنىڭ قوياش سېستىمىسىدەك ،سامان يولى يۇلتۇزلار تۈركىمىدەك ،يەنى يەرشارىدەك قانچىلىك پىلانىت،قانچىلىك يۇلتۇز سىستېمىسى بارلىقىنى بىلىشكە ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى تېخنىكا جەھەتتىكى شارائىتى يار بەرمىگەچكە،ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئېيتىشتى:ئالەمدە يەرشارىدىن باشقا جايدا ھاياتلىق بولىشى مومكىن . ئامرېكا كالفورنىيە شىتاتلىق SETIتەجىربەخانىسىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئالەمدە يەرشارىدىن باشقا جايدا ھاياتلقنىڭ بولۇشىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن . ئىز تورى www.iz.la
ئەپسۇس ،ھازىرقى تېخنىكا سەۋىيىسىگە تايىنىپ بۇ نۇقتىنى (تاشقى پىلانىتتىكى ھاياتلىق)ئىسپاتلىغىلى بولايدۇ ،بەزى سان سېفرلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق چىن ئىسپاتقا ئېرىشكىلى بولمايدۇ .ئىنسانلار تېخىمۇ ھەقىقى ،ئەھمىيەتلىك ئىسپاتلارنى تېپىشقا ئۇرۇنماقتا .ھازىر تارىختىن بۇيان ئالىملار بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئەڭ ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسىدا تۇرماقتا .ئۇلارنىڭ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاشقا ئىشەنچىسى كامىل.ئۇلار قوياش سىستېمىسى سىرتىدىكى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مەلۇم ئۈنۈم بېرىشنى ،يەرشارىدىكى بەزى ناچار مۇھىتلاردا ياشاۋاتقان جانلىقلار تېنىدىن ئۇچۇرغا ئېرىشىشىنى ئۆمۈد قىلىدۇ،مېكسىكا شىتاتلىق تەتقىقاتچى مۇنداق دەيدۇ :يەرشارىدىكى ،بولۇپمۇ مىكرو جانلىقلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار چوڭقۇرلاشسا ،بىز كەلگۈسىدە جانلىق ئۇقۇمىغا باشقىدىن ئېنىقلىما بېرىشىمىز مۇمكىن ،چۈنكى بەزى مىكرو جانلىقلار ئىنسانلار ياشاشقا مۇمكىن بولمايدىغان مۇھىتلاردا قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ كەلمەكتە. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئالىملار نۆۋەتتە يوقىرى تېمپېراتۇرىغا ،كۈچلۈك كىسلاتا ،قاتتىق سوغۇققا،كۈچلۈك رادىئاتسىيىگە  بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مىكرو جانلىقلارنى بايقىدى .يۇقىرىقى مۇھىت ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت،ئەمما بۇ <<ئالاھىدە باكتىريەلەر>> بۇ يەردە بىمالال ياشىماقتا، مىكرو جانلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتىلغان بۇ خەۋەرلەر ئالەمدىكى ھاياتلىققا نىسبەتەن  چوڭ خەۋەر ھېسابلىنىدۇ ،چۈنكى يەرشارىغا نىسبەتەن بۇ ناچار مۇھىتنى ئالەم مۇھىتىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرتۇش مۇمكىن .مەسلەن :پىلاتىمىزدىكى قۇملۇقنىڭ مۇھىتى مارسنىڭ ئاساسى مۇھىتىغا  ئوخشىشىپ كېتىدۇ . ساتۇراننىڭ بىز ھەمراھىنىڭ ئىككى قۇتۇبى مۇز بىلەن قورشالغان ،يۇقىرىقى مۇھىت يەرشارىدكى ئوكيان ئاستى،مۇزلۇق رايونىنىڭ مۇھىتىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ .

ئىز تورى بەك ياخشى

يېقىندىن بۇيان ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاچىللىرىنى ھاياجانغا سالىدىغان بايقاشلار بولماقتا،يەنى قۇياش سىستېمىسى سىرتىدا يەرشارىغا ئوخشاش يۇلتۇز بايقالغان بولۇپ ،بۇ يۇلتۇز باشقا 200دىن كۆپرەك باشقا يۇلتۇزلار بىلەن بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىكەن.ئەمما بۇ يەرشارىسىمان يۇلتۇز تۇرغۇن يۇلتۇزغا بەك يېقىن بولۇپ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ھاياتلىق مەۋجۇت بولماسلىقى مومكىنكەن .ئەمما باشقا بىر سىستېمىدىكى باشقا بىر يەرشارىسىمان يۇلتۇزنىڭ  تۇرغۇن يۇلتۇزغا بولغان ئارىلىقى مۇۋاپىق بولۇپ ئۇنىڭدا سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن .سۇ بولغان ئىكەن ھاياتلىقنىڭ بولىشى ئېھتىمال دەپ پەرەز قىلىنماقتا .بۇ گۈزەل يۇلتۇز يەرشارىمىزدىن 20.5يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا بولۇپ ئالىملار بۇ يۇلتۇزدىن قايتقان نۇرىنى ئانالىز قىلىپ ،ئۇنىڭدىن ھاياتلىق ئۇچۇرىنى تېپىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن ،بۇ ئانالىز ۋاقتى 20يىلغا سوزۇلىدىكەن . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئەلۋەتتە،تاشقى پىلانىت جانلىقلىرىنىڭ بىز ئىزدەپ بېرىشتىن بۇرۇن بىزنى ئىزدەپ كېلىشى ،بەلكىمUFOدىن باشقا ۋاستىلەردە ئىزدىشى مۇمكىن .نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ تاشقى دۇنيادىن كەلگەن سىگناللارنى قۇبۇل قىلىش ،ئانالىز قىلىش شۇنداقلا تاشقى دۇنياغا سىگنال ئەۋەتىش پائالىيەتلىرى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا .
فرانسىيىلىك نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى ،فىزىكا ئالىمى فىرنىك:ئىنسانلار ھازىرقى تېخنىكا ،تەرەققىيات سەۋىيىسىگە يېتىشكە 200يىل ۋاقىت سەرىپ قىلدى ،بۇ 200يىل ۋاقىت يەرشارى شەكىللەنگەن 4مىليارد500مىليون يىل ئالدىدا ناھايىتىمۇ ئاز ۋاقىت ،بەلكىم تاشقى دۇنيادىكى ھاياتلىق بىزدىن نەچچە مىليارد يىل ئالدىدا بولىشى مۇمكىن دەيدۇ .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى ،يەرشارى يالغۇز،ئەمەس،بۇ نەتىجە ئىنسانلارنىڭ ئۆزلۈكى ۋە ئۆزىنى تونۇشىنى ئۆزگەرتىدۇ ،شۇڭلاشقا بارلىق تاشقى پىلانىتقا بولغان ئىزدىنىشلەر پەقەتلا مەقسەت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزنى چۈشىنىشى ۋە تونۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 بۇ ماقالە تارىخ بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://tarix.blogbus.com/logs/38078508.html

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(8)
88.9%
ئالقىشلايمەن
(1)
11.1%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماۋرىتانىيە ئاياللىرى: سېمىزلىك ــــ گۈزەللىك، ئاجرىشىش ــــ شەرەپ

       ئافرىقا قىتئەسىدىكى سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ غەربىدىكى ماۋرىتانىيە —ئەرەب دۇنياسى بىلەن غەربىي ئافرىقىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە بولۇپ ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، ئاھالىلىرى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە قەبىلىگە بۆلۈنگەن ، ئۇلارنىڭ ئۆرپ–ئادىتىدە ئەرەب كۆچمەن چارۋىچىلىرى...

  • يوقالغان قۇرۇقلۇق_ ئاتلانتىس

    رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، پايانسىز ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدا چۆكۇپ كەتكەن بىر دۆلەت بولغان بۇلۇپ، ئېيتلىشچە بۇ ئاتلانتىس دۆلىتى ئىمىش. ئەڭ بۇرۇن ئاتلانتىس ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان كىشى گېرىتسىيەلىك پەيلاسوپ پلاتون . ئۇ كىرىت دىگەن ئەسىرىدە ئاتلانتىسنىڭ...

  • دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلىق سائەتلەر

    ئېسىلزادىلىكنىڭ سىمۋولى-Patek Philippe 1839-يىلى قۇرۇلغان. ھەربىر سائەتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 13مىڭ دوللاردىن20مىڭ دوللارغىچە .بۇ شېركەت سائەتنى باشتىن ئاخىرى ئۆزى ئىشلەپ ، ئۆزى قۇراشتۇرىدىغان شىۋىتسارىيەدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر شېركەت. PATEK PHILIPPEما...

  • دۇنياغا داڭلىق ئون « ئەۋلىيا» بالا

    دۇنيادىكى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئەڭ يوقىرى ئادەم كورىيەلىك Kim Ung-yong بولۇپ،1962-يىلى تۇغۇلغان،بەش ئايلىق بولغاندا ئايىقى چىقىپ ، گەپ قىلالىغان،يەتتە ئايلىق بولغاندا خەت يازالايدىغان، شاخمات ئوينىيالايدىغان بولغان. ئۈچ ياشقا كىرگەندە دېففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگر...

  • دۇنيادىكى ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار

    ** 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيىنىڭ پېتىربورگ شەھىرىدە 14ياشلىق بىر قىز ئۆز ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئاتاغلىق بىر رەسسام بۇ ۋەقەگە قاتتىق ئېچىنىپ، بىر قاتىلنىڭ بۇ قىزچاقنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن، قاچماقچى بولۇۋاتقان ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە...

  • خوتەن كېرىيە دوپپىسى

    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا خوتەن كېرىيە دوپپىسى كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار...

  • دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق پۇللار

    فرانسىيىگە قاراشلىق تىنچ ئوكيان ئارىلى مالدېۋى سان تومى ۋە پرىنسىپ جۇمھۇرىيىتى شىۋىتسارىيە كوموررو يېڭى زېنلاندىيە كۇك تاقىم ئاراللىرى شياڭگاڭ ئىسلاندىيە فارو تاقىم ئاراللىرى...

  • دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخلەر

    ماشساررا دەرىخى ، ئامېرىكا نېرۋانا شىتاتى 4800 يىللىق تارىخقائىگە سەئىد ئاباكۇ دەرىخى ئىران 4000 يىل باتاگونىيا دەرىخى چىلى 3600 يىل Jardine Juniper قارىغاي دەرىخى ئامېرىكا يۇتا شىتاتى 3200 يىل پاترىياك فلورېستا دەرىخى برازىلىيە 3200 يىل ئاق ئات دەرىخى سى...

  • ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەرلەر

    ئەنگىلىيە ئەينەك ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 2010-يىللىق دۇنيادىكى ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان (ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ئەڭ ياخشى)شەھەرلەر تىزىملىكى : 1. ميۇنخېن 2. كوپىنھاگېن 3. سيۇرىخ 4. توكيو 5. خېلىنىسكىي 6. ستوكھولىم 7. پارىژ 8. ۋېنا 9. مىلبۇرن 10 ....

  • دۇنيادىكى 10 چوڭ خەتەرلىك قۇرۇلۇش

    1. ئىتالىيىدىكى پىسا يانتۇ مۇنارى 2. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاستانە دەرۋازىسى 3. گوللاندىيىدىكى ۋوزوك تۇرالغۇسى 4. گرىتسىيىدىكى بوشلۇق ئىبادەتخانىسى 5. ياۋروپا دەرۋازىسى ئىسپانىيە مادرىد 6. روسىيىدىكى ؟ ؟ ؟ 7. ئاسترا بىناسى گېرمانىيە ھامبۇرگ 8. تاكاسۇك...

  • دۇبەيدىكى ئاپتوماتىك ئالتۇن ئېلىش ماشىنىسى

    ...

  • سەئۇدىي ئەرەبىستان ئالاھىدە قىسمى

    ...

  • ئوبامانىڭ نۇتقى نېمىدىگەن زېرىكىشلىك ؟!

    يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مېچىگان شىتاتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ، زۇڭتۇڭنىڭ كەينىدىلا ئولتۇرغان بىر ئوقۇغۇچى (ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۇلۇڭدا)باشتىن-ئاخىر مۈگدەپ ياكى ئەسنەپ ئولتۇرۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ بىغەم بالادېگەن نام بىلەن توردا بىر...

  • 12ياشلىق تورىئادور بۇقىنىڭ مۈڭگۈزىدە ئۆلگىلى تاس قالدى

    كىچىك تورىئادور بۇقا ئوينىتىش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كېتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ بولغىچە 400 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بۇقا ئۇنى ئۇچلۇق مۈڭگۈزى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئۈسىۋەتكەن ......