غەنىزات ئۇيغۇر: تونۇلغان شائىر يازغۇچى،دىراماتورىگ ژورنالىسىت ئەكبەر غۇلامنىڭ تەرجىمھالى

ۋاقتى:2010-09-23 17:16مەنبە: تەھىرىر:ئوت ئوقيا چېكىلىشى:قىتىم
  

تونۇلغان شائىر يازغۇچى،دىراماتورىگ  ژورنالىسىت ئەكبەر غۇلامنىڭ تەرجىمھالى    

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

تونۇلغان يازغۇچى،ژورنالىسىت ئەكبەر غولام 1952 يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان.1975-يىلى شىنجاڭ ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. << شىنجاڭ گېزىتى>>ئىدارىسىدە مۇخبىر،تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن.1982-يىلدىن باشلاپ جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتى<< مىللەتلەر ئەدەبىياتى>>ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە تەھرىر،2 -تەھرىر بۆلۈمنىڭ تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى،1-تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى،جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇپ ئىشلىمەكتە.ئۇ 1975-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان.1991-يىلى جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان << يامغۇردا قالغان سۆيگۈ>>،21قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى << نەسىردىن ئەپەندى>>،4قىسىملىق شېئىرى بەدىئىي سەنئەت فىلىمى << تەڭرىتاغ ناخشىسى>>، ئالتە قىسىملىق <<نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى جەۋھەرلىرى>>،<<سەيپىدىن ئەزىزى خاتىرىلىرى>>(سۈرەتلەر توپلىمى)، ئون ئۈچ توملۇق << ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى>>،<< ھايات ئىزلىرى>> ،ھېكايىلەر توپلىمى <<قەھرىمان ئوغۇل >>،ئۇنىڭ باش تەھرىرلىكىدە تۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى تارىخىي سۈرەتلەر توپلىمى   << يىللار مەنزىرىسى >>،ئۇ تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى قامۇسى>>قاتارلىقلار بار.ئۇ 1999-يىلى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرجىمە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا تۇلپار ئەدەبىيات موكاپاتىغا،2002-يىلى مەملىكەتلىك تىلۋىزىيە -سەھنە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك موكاپاتقا ,تەرجىمە ئەسەرلىرى ئۇدا ئۈچ قېتىم شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات موكاپاتىغا ئېرىشكەن.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

مەنبە ؛ جوڭگۇ يازغۇچىلار تورى( تەرجىمە قىلىنىپ يوللاندى). 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  

ئىز تورى بەك ياخشى

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(7)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...