ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

ئافغانىستاننىڭ پارلامېنت سايلىمى

ۋاقتى:2010-09-23 16:38مەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھىرىر:قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
  

  ئافغانىستاندا 18 – سېنتەبىر مىللىي پارلامېنتنىڭ خەلق پالاتاسى(تۆۋەن پالاتا) سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، 2001 – يىلى 10 – ئايدا تالىبان ھاكىمىيىتى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىنكى ئافغانىستاننىڭ 2 – نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى سايلامدا 405 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2500 دىن كۆپرەك نامزات 64 ئايال پارلامېنت ئەزاسى ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 249 ئورۇننى تالىشىدۇ.

ئىز تورى www.iz.la

     2004 – يىلى 1 – ئايدا ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، ئافغانىستان مىللىي پارلامېنتى دۆلەتنىڭ ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولۇپ، خەلق پالاتاسى(تۆۋەن پالاتا) بىلەن ئاقساقاللار پالاتاسى (يۇقىرى پالاتا) دىن تەشكىللىنىدۇ. ئافغانىستان تۆۋەن پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى بىۋاسىتە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. تۆۋەن پالاتا ئەزاسى 250 كىشىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئۆلكىلەرنىڭ نوپۇس سانىغا قاراپ تەڭ تەقسىملىنىدۇ، لېكىن ھەر بىر ئۆلكىدە ئاز دېگەندە ئىككى ئايال پارلامېنت ئەزاسى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. تۆۋەن پالاتا مىللىي پارلامېنتتا قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، تۆۋەن پالاتا كابىنېت ئەزالىرىغا ئىشەنمەسلىك لايىھەسىنى ماقۇللىسا، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى يېڭى كابىنېت ئەزالىرىنى تەيىنلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئاقساقاللار پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى ھەر قايسى ئۆلكە پارلامېنتى ۋە رايونلۇق باشقۇرۇش كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدىن ۋاسىتىلىك سايلاپ چىقىلىدۇ. ئافغانىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پارلامېنتى 2005 – يىلى 18 – سېنتەبىر سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆۋەن پالاتا ئەزاسى 249، يۇقىرى پالاتا ئەزاسى102 . copyright by www.iz.la

    ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئافغانىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 30 مىليون بولسىمۇ، ئاران 1 مىليون 140 مىڭ كىشى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلەيدۇ؛ ئافغانىستاندا ئاۋاز بېرىش پونكىتىدىن 6835 ى بار بولسىمۇ، بىخەتەرلىك ئامىلى تۈپەيلىدىن ھازىر پەقەت 5816 سىنىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؛ 300 مىڭ كۆزەتكۈچى ئومۇمىي سايلامنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە نامزاتلار ۋەكىللىرى، مۇستەقىل ئەربابلار، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكى ئەربابلار بار. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

     تالىبان تەشكىلاتى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىمىز، دەپ داۋراڭ سالدى، ھەم سايلىغۇچىلارغا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىش توغرىسىدا تەھدىت سالدى. 16 – سېنتەبىر تالىبانلار بۇ قېتىمقى سايلام ئامېرىكىنىڭ سۇيىقەستى، دەپ يەنە بىر قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، سايلىغۇچىلاردىن سايلامغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. پارلامېنت سايلىمىنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئافغانىستاننىڭ تەخمىنەن 250 مىڭ ھەربىي، ساقچىسى ۋە ش ئا ئە ت نىڭ 140 مىڭ ئەسكىرى پارلامېنت سايلىمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قاتناشتى. ئىز تورى بەك ياخشى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ تورى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماۋرىتانىيە ئاياللىرى: سېمىزلىك ــــ گۈزەللىك، ئاجرىشىش ــــ شەرەپ

       ئافرىقا قىتئەسىدىكى سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ غەربىدىكى ماۋرىتانىيە —ئەرەب دۇنياسى بىلەن غەربىي ئافرىقىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە بولۇپ ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، ئاھالىلىرى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە قەبىلىگە بۆلۈنگەن ، ئۇلارنىڭ ئۆرپ–ئادىتىدە ئەرەب كۆچمەن چارۋىچىلىرى...

  • يوقالغان قۇرۇقلۇق_ ئاتلانتىس

    رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، پايانسىز ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدا چۆكۇپ كەتكەن بىر دۆلەت بولغان بۇلۇپ، ئېيتلىشچە بۇ ئاتلانتىس دۆلىتى ئىمىش. ئەڭ بۇرۇن ئاتلانتىس ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان كىشى گېرىتسىيەلىك پەيلاسوپ پلاتون . ئۇ كىرىت دىگەن ئەسىرىدە ئاتلانتىسنىڭ...

  • دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلىق سائەتلەر

    ئېسىلزادىلىكنىڭ سىمۋولى-Patek Philippe 1839-يىلى قۇرۇلغان. ھەربىر سائەتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 13مىڭ دوللاردىن20مىڭ دوللارغىچە .بۇ شېركەت سائەتنى باشتىن ئاخىرى ئۆزى ئىشلەپ ، ئۆزى قۇراشتۇرىدىغان شىۋىتسارىيەدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر شېركەت. PATEK PHILIPPEما...

  • دۇنياغا داڭلىق ئون « ئەۋلىيا» بالا

    دۇنيادىكى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئەڭ يوقىرى ئادەم كورىيەلىك Kim Ung-yong بولۇپ،1962-يىلى تۇغۇلغان،بەش ئايلىق بولغاندا ئايىقى چىقىپ ، گەپ قىلالىغان،يەتتە ئايلىق بولغاندا خەت يازالايدىغان، شاخمات ئوينىيالايدىغان بولغان. ئۈچ ياشقا كىرگەندە دېففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگر...

  • دۇنيادىكى ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار

    ** 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيىنىڭ پېتىربورگ شەھىرىدە 14ياشلىق بىر قىز ئۆز ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئاتاغلىق بىر رەسسام بۇ ۋەقەگە قاتتىق ئېچىنىپ، بىر قاتىلنىڭ بۇ قىزچاقنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن، قاچماقچى بولۇۋاتقان ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە...

  • خوتەن كېرىيە دوپپىسى

    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا خوتەن كېرىيە دوپپىسى كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار...

  • دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق پۇللار

    فرانسىيىگە قاراشلىق تىنچ ئوكيان ئارىلى مالدېۋى سان تومى ۋە پرىنسىپ جۇمھۇرىيىتى شىۋىتسارىيە كوموررو يېڭى زېنلاندىيە كۇك تاقىم ئاراللىرى شياڭگاڭ ئىسلاندىيە فارو تاقىم ئاراللىرى...

  • دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخلەر

    ماشساررا دەرىخى ، ئامېرىكا نېرۋانا شىتاتى 4800 يىللىق تارىخقائىگە سەئىد ئاباكۇ دەرىخى ئىران 4000 يىل باتاگونىيا دەرىخى چىلى 3600 يىل Jardine Juniper قارىغاي دەرىخى ئامېرىكا يۇتا شىتاتى 3200 يىل پاترىياك فلورېستا دەرىخى برازىلىيە 3200 يىل ئاق ئات دەرىخى سى...

  • ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەرلەر

    ئەنگىلىيە ئەينەك ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 2010-يىللىق دۇنيادىكى ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان (ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ئەڭ ياخشى)شەھەرلەر تىزىملىكى : 1. ميۇنخېن 2. كوپىنھاگېن 3. سيۇرىخ 4. توكيو 5. خېلىنىسكىي 6. ستوكھولىم 7. پارىژ 8. ۋېنا 9. مىلبۇرن 10 ....

  • دۇنيادىكى 10 چوڭ خەتەرلىك قۇرۇلۇش

    1. ئىتالىيىدىكى پىسا يانتۇ مۇنارى 2. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاستانە دەرۋازىسى 3. گوللاندىيىدىكى ۋوزوك تۇرالغۇسى 4. گرىتسىيىدىكى بوشلۇق ئىبادەتخانىسى 5. ياۋروپا دەرۋازىسى ئىسپانىيە مادرىد 6. روسىيىدىكى ؟ ؟ ؟ 7. ئاسترا بىناسى گېرمانىيە ھامبۇرگ 8. تاكاسۇك...

  • دۇبەيدىكى ئاپتوماتىك ئالتۇن ئېلىش ماشىنىسى

    ...

  • سەئۇدىي ئەرەبىستان ئالاھىدە قىسمى

    ...

  • ئوبامانىڭ نۇتقى نېمىدىگەن زېرىكىشلىك ؟!

    يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مېچىگان شىتاتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ، زۇڭتۇڭنىڭ كەينىدىلا ئولتۇرغان بىر ئوقۇغۇچى (ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۇلۇڭدا)باشتىن-ئاخىر مۈگدەپ ياكى ئەسنەپ ئولتۇرۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ بىغەم بالادېگەن نام بىلەن توردا بىر...

  • 12ياشلىق تورىئادور بۇقىنىڭ مۈڭگۈزىدە ئۆلگىلى تاس قالدى

    كىچىك تورىئادور بۇقا ئوينىتىش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كېتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ بولغىچە 400 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بۇقا ئۇنى ئۇچلۇق مۈڭگۈزى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئۈسىۋەتكەن ......