ئىز تورى www.iz.la
ئورنى: فىرانسىيەدىكى نىمس شەھىرىدە www.iz.la
ياسالغان ۋاقتى: مىلادىدىن ئىلگىرىكى 19-يىلى
باھا: قەدىمقى رىم دەۋىرىدىكى شەكىل ۋە ئەمىلىي ئىشلىتىشىنى بىرلەشتۇرگەن سۇ ئىنشائات قۇرۇلىشى.
ھەيۋەتىلىك گارد كۆۋرۇكى فىرانسىيەدىكى پىروۋىنىس رايونىدىكى نىمىس شەھىرىگە جايلاشقان. ياسالغان ۋاقتى: مىلادىدىن ئىلگىرىكى 19-يىلى. بۇ كۆۋرۇك ئۇچ قەۋەت قىلىپ لاھىيەلەنگەن. ئىگىزلىكى 50مېتىر، ئەڭ ئۇزۇن يېرى 275مېتىر، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 120-يىللار ئەتراپىدا فىرانسىيە گور رايونى جەنوبىدىكى نىمىس شەھىرى رىم ئىمپىرىيەسى ھۆكۇمرانلىقىدا بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 27-يىلى ئاگوستۇس بۇ يەردە بىر بازار بەرپا قىلدى. شۇ چاغدا بازار ئەتراپىدا نۇرغۇن بۇلاقلار بولغان.شەھەر ئىچىدىكى ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قامداش ئۇچۇن، نىمىستىن شىمالغا 50 كىلومېتر كېلىدىغان جايدىن سۇ يولى ياساپ كېلىش كېرەك ئىدى. بۇلاق سۇيىنى بازارغا يەتكۇزۇش ئۇچۇن، گارد كۆۋرۇكى مۇشۇ قۇرۇلۇش ئىچىدىكى بىر كىچىك قىسمى بولۇپ،گارد كۆۋرۇكى گارد دەرياسىدىن ئۆتىدىغان يول بولۇپ، كۆۋرۇكتىن ھارۋا ۋە پىيادىلەر ئۆتەلەيتتى. ئىز تورى www.iz.la
ھازىرقى كىشلەرنىڭ نەزىرىدە شەھەر - بازارلاردا چوقۇم ياخشى بولغان سۇ بىلەن تەمىنلەش سېستىمىىسى بولۇش كېرەك. ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى رىملىقلارمۇ مۇشۇنداق كۆز قاراشتا ئىدى. ھەربىر شەھەرنى بارلىققا كەلتۇرگەندە قەدىمقى رىملىقلار ئۆستەڭلەرنى ياساپ، شەھەر بازارلارغا سۇ باشلايتتى. شۇ چاغدىكى نىمىس شەھىرىدىكى كونا سۇ تەمىنلەش سېستىمىسى رىملىقلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمىغاچقا، باش باشقۇرغۇچى ئاگرىبا بىر سۇ يولى ياساپ 50كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇلاق سۈلىرىنى شەھەرگە باشلىدى. قەدىمقى رىملىقلار قائىدە بويىچە بۇ سۇ يولىنى يەر ئاستىغا ئورۇنلاشتۇردى. بىراق سۇ يولى گارد دەريا جىلغىسىدىن كېسىپ ئۆتەتتى. ئەقىللىق رىملىقلار يول قۇرۇلىشىدا توپلىغان كۆۋرۇك تېخنىكىسىنى بۇنىڭغا ئىشلەتتى. سۇ يولى ئاساسەن يەر ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇلار ئىنچىكە ، ئەتراپلىق ھېساپلاش ۋە لاھىيلەش ئارقىلىق يەر شەكلىنىڭ ئىگىز پەس بولۇشىدىن پايدىلىنىپ ،سۇ بېسىمى ھاسىل قىلىپ، سۇنىڭ راۋان ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. گارد كۆۋرۇكى دەريا يۇزىدىن 49مېتىر ئىگىزلىكتىكى جايدا سۇنى باشلاپ جىلغىدىن ھالقىپ ئۆتكۇزىدۇ. ھازىر كىشلەر نىمس شەھىرىدە يۇمىلاق كۆلچەكنى كۆرىدۇ. بۇ تىندۇرۇش كۆلچىكى بولۇپ ، توغان ۋە سۇ چىقرىش -كىرگۇزۇش ئېغىزلىرىدىن تەركىپ تاپقان. بۇ ئەسلىھەلەر لازىم بولغاندا سۇنى شەھەرنىڭ سۇبىلەن تەمىنلەش سېستىمىسىغا باشلايتتى.
گارد كۆۋرۇكى رىملىق ئارخىكتور ۋە سۇ ئىنشائات ئىنژىنىرلىرىنىڭ تېخنىكا شۇنداقلا سەنئەت جەھەتتە ياراتقان نامايەندىسى. گارد كۆۋرۇكى ئۇچ قەۋەتتىن تەركىپ تاپقان. ھەربىر قەۋەت بىر-بىرىگە تۇتاش كۆۋرۇك ئەگمىلىرىدىن تۇزۇلگەن. ئەڭ ئاستىنقى قەۋەتتە ئالتە كۆۋرۇك ئەگمىسى بار. ھەربىر چوڭ ئەگمىنىڭ ئۇستىدە تۆت چوڭ -كىچىك ئەگمىلەر بار. بۇنداق قۇرۇلما كۆۋرۇكنىڭ مۇستەھكەم بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەم سۇنىڭ زەرب كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. 2-قەۋەتتە جەمئىي 11ئەگمە بولۇپ،ھەربىر ئەگمىنىڭ ئۇستىدەئۇچتىن كىچىك ئەگمە بار. بۇ قەۋەت كەلكۇن مەزگىللەرىدە سۇنىڭ راۋان ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەڭ ئۇستىدىكى قەۋەتتە 35 كىچىك ئەگمە بار بۇ ئەگمىلەر بىر قەدەر كىچىك بولۇپ ، شامالنىڭ قارشىلىق كۈچىنى كىمەيتىدۇ. بۇ كۆۋرۇكنى ئۆلچەش، ياساش، رىمونت قىلىشقا ھەم قولايلىق ھەم تىجەشلىك قىلىپ ياسىغان. بۇ كۆۋرۇكنى كەم دىگەندە 1000ئادەم ئۇچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياسىغان. كۆۋرۇك ياسىغاندا ئالتە توننا كېلىدىغان تاش ماتىرياللار ئىنچىكىلىك بىلەن كېسىلىپ خاتاسىز ھالدا بىر-بىرىنىڭ ئۇستىگە جىپسىلاشتۇرۇپ قويولغان. گارد كۆۋرۇكىنى ياساشقا قانچىلىك چىقىم كەتتى بۇنى ئېنىقلاپ چىقماق تەس. گارد كۆۋرۇكى سەنئەت جەھەتتىلا تەڭداشسىز بولۇپ قالماي ، يەنە ئەمىلىي ئىشلىتىش قىممىتى ئىنتايىن يوقىرى بولغان قۇرۇلۇشتۇر. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
www.iz.la
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورى www.iz.la
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
copyright by www.iz.la
www.iz.la
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مەنبە؛قوشۇق بىلوگى