ئالىملار بايقىغان ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسىسى قۇياشنىڭ 18 مىليارد ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
www.iz.la
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
چەتئەل ئاخبىرات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، فىنلاندىيەلىك ئالىملار ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ قارا ئۆڭكۈرنى بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ 18 مىليارد ھەسسىسىگە ، چوڭلۇقى تەخمىنەن سامانيولى سېستىمىسىغا توغرا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بىر كىچىكرەك قارا ئۆڭكۈر بولۇپ، ئالىملار بۇ كىچىك قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئوربىتاسىنى ئۆلچەش ، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئېغىرلىق كۈچى مەيدانىنىڭ تەسىرىدىكى ھادىسىلەرگە ئاساسەن ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىلىك نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ قارا ئۆڭكۈر ئىلگىرى ئەڭ چوڭ دەپ قارىلىدىغان قارا ئۆڭكۈردىن 6 ھەسسە چوڭ بولۇپ، يەرشارىدىن 3.5 مىليارد يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى OJ287 ناملىق يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ مەركىزىدە ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يۇلتۇزسىمان جىسىملار ناھايىتى يورۇق بولغان سەييارىلەر بولۇپ، بۇ سەييارىلەر قاينام ھالىتىدە چوڭ تىپتىكى بىر قارا ئۆڭكۈرگە كىرىپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتا زور مىقداردا رادىئاتسىيەلىك نۇرلارنى چىقارغان.
بۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ يېنىدىكى بىر قەدەر كىچىك بولغان قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسىسى قۇياشنىڭ 100مىليون ھەسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ،ئۇ چوڭ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدا ئېللىپىس شەكىللىك ئوربىتادا ئايلىنىۋېتىپتۇ، ئايلىنىش دەۋرى 12 يىل ئىكەن. بۇ ئىككى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، كىچىك قارا ئۆڭكۈر چوڭ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىش جەريانىدا، چوڭ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدىكى جىسىملاردا قىسلىپ سوقۇلۇش بولغان،ھەر قېتىم شۇنداق بولغاندا OJ287 ناملىق يۇلتۇزسىمان جىسىملار تۇيۇقسىز يورۇپ كېتىدىكەن. ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، قارا ئۆڭكۈر ھەركەت جەريانىدا ئۆزىمۇ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ ھەركەتلىنىدىكەن، بۇ تارتىش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىككى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئارىلىقى بارغانسېرى يېقىنلاپ بېرىۋېتىپتۇ. قۇياش بىلەن مېركورى ئارىسىدىمۇ بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت بولۇپ، پەقەت مېركورى ئوربىتاسىنىڭ رولى بەك روشەن ئەمەس. OJ287 ناملىق يۇلتۇزسىمان جىسىملارغا نىسبەتەن، چوڭراق قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچى غايەت زور بولغاچقا، كىچىكرەك قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئوربىتاسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 39 گىرادۇسلۇق قىيپاشلىق ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. كىچىك قارا ئۆڭكۈر چوڭ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدىكى جىسىملارغا سوقۇلغاندا، قاينام شەكىللىك ھالەتتە ئۆزگىرىش بولغان.
فىنلاندىيە تورلا ئاسترونومىيە ئورنىدىكى ماۋرى.ۋالتۇن باشچىلىقىدىكى ئاسترونومىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ ئىككى قارا ئۆڭكۈر سوقۇلغاندا چىققان 12 قېتىم يورۇش ھادىسىسىنى خاتىرلىگەن ھەمدە قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئايلىنىش دەۋرىگە بىرلەشتۈرۈپ، كىچىك قارا ئۆڭكۈرنىڭ ھەركەت دەرىجە نىسبىتىنى ئۆلچەپ، بۇ ئارقىلىق چوڭ قارا ئۆڭكۈر ماسسىسىنىڭ قۇياش ماسسىنىڭ 18 مىليارد ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھېساپلاپ چىققان.
قارا ئۆڭكۈر زادى قانچىلىك چوڭلۇقتا؟ ئامېرىكا تېكساس شىتاتى ئۇنۋىرىستىتىدىكى كرېگ ۋېلىرنىڭ ئېتىشىچە قارا ئۆڭكۈرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ماددىلارنىڭ دائىرىسى، قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدىكى ماددىلارنى يۇتۇش سۈرئىتىگە قاراپ بىكىتىلىدۇ، نەزەرىيە جەھەتتىن قارا ئۆڭكۈرنىڭ چوڭ-كىچىكلىنىڭ يوقىرى چېكى يوق. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ۋالتون نىسبىيلىك نەزەريىسىگە ئاساسەن مۇنداق پەرەز قىلغان، بۇ ئىككى قارا ئۆڭكۈر 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سوقۇلغان ، ئەگەر ئوربېتا بىنورمال بولمىسىلا، كېيىنكى 20 كۈن ئىچىدە يەنە بىر قېتىم سوقۇلۇش بولىدۇ. ئۇ تەكىتلەپ ، كەلگۈسى10مىڭ يىل ئىچىدە بۇ ئىككى قارا ئۆڭكۈر بىرلىشىپ كېتىدۇ، دىدى. ۋېلىر، قارا ئۆڭكۈردىكى يورۇش ھادىسى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىدىكى قاراشلارغا ماس كېلىدۇ، ئەمىليەتتە ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بىزگە ئۇنىڭدا كەلگۈسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، دەپ قارىدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
تەرجىمە قىلغۇچى : قوشۇق
كېلىش مەنبەسى: http://tech.sina.com.cn/d/2009-05-11/14313080898.shtml
ئىز تورى www.iz.la