بىر يىگىت بىر قىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ ئاشخانىدا ساقلاپتۇ،قىز 2سائەتتىن كېيىن كېلىپتۇ،قىز كەپلا باشقا گەپ قىلماستىن،يىگىتكە قاتتىق ئاۋازدا:
-سىزنىڭ سانتانا ماشىنىڭىز بارمۇ؟ -دەپ سوراپتۇ.يىگىت:
-يوق~~~ قىزنىڭ قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ كېتىپتۇ:
- -ئۇنداق بولسا،سىزنىڭ 5ئېغىزلىق ئۆيىڭىز بارمۇ؟يىگىت:
-ئۇمۇ يوق~~~~~~ قىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ:
-ھوي ھېچنىمىڭىز يوق ئادەم مەن بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ نىمە قىلاتتىڭىز ،تولا ئادەمنى ئاۋارە قىلماڭە!!!-دەپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ مېڭىپتۇ،قىز ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە،يىگىت يۇقىرى ئاۋازدا نالە قىلىپتۇ:
-ئاھ خۇدا،مەن ئەجابا 6مېتىرلىق لىنكولىن ماشىنامنى سانتاناغا،5قەۋەتلىك ئېسل داچامنى 5ئېغىزلىق ئۆيگە ئالماشتۇرسام ،ئاندىن قىزلار تېگەمدىغاندۇ! قىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ،كەينىگە "گۇپلا قىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى