دادا بالا بېلىق تۇتقىلى بىر قولۋاقنى ئىجارە ئاپتۇ، ئۇلار كۆلنىڭ ئىنتايىن تىنچ بىر يېرىدە نۇرغۇن بېلىق بارلىقىنى بايقاپتۇ.
--- نېمىدېگەن ياخشى، بىز بۇ يەرگە بەلگە سېلىپ قويۇپ ئەتىمۇ كېلەيلى! --- دەپتۇ دادىسى.
--- ماقۇل، مەن بەلگە سالاي، --- دەپتۇ بالىسى.
قايتىشتا دادىسى بالىسىدىن:
--- نەگە بەلگە سالدىڭ؟ --- دەپ سوراپتۇ.
--- مەن بوردا قولۋاق سىرتىغا بىر دۈگىلەك سىزىپ قويدۇم، --- دەپتۇ بالىسى.
--- ھەي دۆت،--- دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ دادىسى، --- ئەتە بىز بۇ قولۋاقنى ئىجارىگە ئالغىچە باشقىلار ئېلىپ كېتەمدۇ تېخى! بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
قانداق بولىدىكەن
بىر چاشقان كىنوخانىدا كىنو كۆرۈۋاتسا، بىر پىل ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈپتۇ. چاشقان كىنونى پەقەت كۆرەلمەپتۇ - دە، ئاچچىقىدا پىلنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇياق- بۇياققا قىمىرلاپ، ئارقىسىغا قاراپتۇ - دە، پىلغا:
--- ھە، تۇرۇۋالسا قانداق بولىدىكەن؟ --- دەپتۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى