ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كونىلاردا: «يېسەڭ كۈندە بىر تال ئالما، تېۋىپتىن مەڭگۈ بولىسەن جۇدا» دەيدىغان ھېكىمەت بار. ئاۋستىرالىيەلىك مۇتەخەسىسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «ئالما بىلەن پالەكنى قوشۇپ يېسە، ئادەم يۈرەك كېسىلىدىن يىراق تۇرىدىغاندەك قىلىدۇ، چۈنكى ئالما بىلەن پالەك بەدەنگە كىرگەندە ئازوت چالا ئوكسىدىنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ بارىدىكەن، بۇ يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، پىسخىك ساغلاملىقىنى ياخشىلايدىغان مۇھىم خىمىيەلىك تەركىپ.» بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ئالما بىلەن پالەكنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، ئازود چالا ئوكسىدى ھاسىل قىلىدۇ ۋە قان ئېقىمىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ، قان تومۇرنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ناۋادا ئادەم بەدىنىدە ئازود چالا ئوكسىدى ئاز بولسا، ئۇنداقتا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچىيىدۇ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرىدىكى كېسەللىكلەرمۇ ئازود چالا ئوكسىدىدا كۆرۈلگەن تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ئاللىقاچان ئىلىم-پەندە دەلىللىنىپ بولغان.
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
