ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
1. چىش چوتكىلاشقا ھورۇنلۇق قىلىش. ئېغىزنى بىر قېتىم چايقاش ئېغىزدىكى %20 باكتېرىيەنى ئازايتىدۇ، بىر قېتىملىق چىش چوتكىلاش %70 باكتېرىيەنى ئازايتىدۇ. چىش چوتكىلاشقا ھورۇنلۇق قىلىش يارا، چىش مىلىكى قاناش، چىش ئەتىراپى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، ياشانغانلارنڭى زۇكامدىشى ۋە ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار. ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچەم چىش چوتكىلاشقا ھورۇنلۇق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر كۈندە ئىككى نۆۋەت چىش چوتكىلايدىغانلارغا قارىغاندا 2.5 ھەسسە كۆپ ئىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2. ھاجەتخانىغا كىرىشكە ھورۇنلۇق قىلىش. كۆپلىگەن كىشىلەر كىچىك تەرىتى قىستاپ كەتسىمۇ، قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ قويغۇسى كەلمەي، چىداپ ئولتۇرىدۇ. تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا بولغان سۈيدۈكنى ۋاقتىدا چىقىرىۋەتمىگەندە، دوۋساق ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ھەتتا بۆرەك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، شۈيدۈكنى قىسىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقىلارنىڭ 3-5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
3. كىيىم-كىچەكلىرىنى يۇيۇشقا ھورۇنلۇق قىلىش. ھورۇن كىشىلەر كۆپ ھاللاردا كىيىم-كىچەكلىرىنى كىرخانىلاردا يۇرغۇزۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، كىرخانىدىكى كىيىملەرنى يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك ماددا ۋىنىل خلورىد نېرۋا سىستېمىسىغا زىيانلىق بولۇپ، ئەگەر بۇنداق زەھەرلىك ماددىلار بىلەن كۆپلەپ ئۇچراشقاندا، بۆرەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
4. ئۇخلىغاندا چىراقنى ئۆچۈرۈشكە ھورۇنلۇق قىلىش. چىراقنى ياندۇرۇپ قويۇپ ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن بالىلارنىڭ راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، بالىلارنىڭ ئاق قان راكىغا گىرىپتار بولۇشى كېچىسى چىراقنى ياندۇرۇپ قويۇپ ئۇخلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
5. ساقال-بۇرۇتنى ئېلىشقا ھورۇنلۇق قىلىش. ساقال-بۇرۇتنى ۋاقتىدا ئېلىشقا ھورۇنلۇق قىلىش نەپەس يولى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
6.سىرتلارغا چېقىپ ئاپتاپسىنىشقا ھورۇنلۇق قىلىش. ئاپتاپقا قاقلىنىش راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ 40-60 مىنۇت ئەتىراپىدا ئاپتاپقا قاقلىنىشى كىرەك. www.iz.la
