ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئاق ئۈجمە پىشقاندا كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گىرامدىن 80 گىرامغىچە پاكىز يۇيۇپ يەپ بەرسە، ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەننى، بۆرەكنى جىگەرنى كۈچلەندۈرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، نېرۋىنى ياخشىلايدۇ، قان كۆپەيتىپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، قۇلاق غۇڭۇلداشقا، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن پاكىز يۇيۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ، يەلنى ھەيدەپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقلىرى، كۆزدىكى قىزىللىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. توسالغۇلارنى ئېچىپ، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاق ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئېلىپ پاكىز تازىلاپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، يۆتەلنى توختىتىدۇ. دەم سىقىلىشنى ياخشىلايدۇ، ئۆپكىنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئاغرىقلىرى، قان تۆكۈرۈش، سۇلۇق ئىششىق، قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. (ئىزاھات: سوغۇقتىن بولغان يۆتەللەرگە بېرىلمەيدۇ)
ئاق ئۈجمىنىڭ نوتا شېخىنى پاكىز تازىلاپ يالپاغداپ كېسىپ قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىچىپ بەرسە، رېماتىزىملىق بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، سوغۇق يەلنى ھەيدەپ، پۇت - قول ئۇيۇشۇشنى ياخشىلايدۇ، قاننى تازىلايدۇ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەنبە. جۇڭگۈ ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىز تورى www.iz.la
