ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئاپتوموبىلىغا نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم سالغاندا ۋە نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك قاچلىغاندا ئاپتوموبىلىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزلۇپ ئاسانلا ھادىسە كۆرۈلىدۇ. ئاپتوموبىلىغا نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم سالغاندا، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك قاچىلىغاندا بالونغا چۈشكەن بىسىممۇ ئېشىپ كېتىدۇ، تورمۇز قىلىش ئارىلقىمۇ ئۇزىرىپ كېتىپ، ئاپتوموبىلىنىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالون ئاسانلا يېرىلىپ كېتىدۇ، تورمۇز ئىشلىمەي قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىل كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قاتناش ھادىسىىىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىلىغا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغاندا، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك قاچىلىغاندا قاتناش ھادىسىى يۈز بېرىپ قالسا زىياننمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ.
مەنبە.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىى ھەيدىگۈچىلەر ئۈچۈن قانۇن بىلىمىلىرى ئوقۇشلۇقى
