app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

قوشۇمچە 1

ۋاقتى:2014-06-25 10:47مەنبە: يوللىغۇچى:مىرزاتجان چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورى www.iz.la

تۇتاش لاپاستا ئۆستۈرۈلىدىغان تاۋۇز سورتىلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، رايونىمىزدا كۆپ تېرىلىپ كېلىۋاتقان ئاساسىلىق سورتلاردىن جىنىشىن 1 _نومۇر ، جىڭىزا 5 _نومۇر، سۇمى 1 _نومۇر ، زاۋجىيا قاتارلىقىلار بار، بۇ سورتىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىلىرى تۆۋەندىكىچە . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

1 _جىنىشىن 1 _نومۇر . بالدۇر پىشىدىغان شالغۇت سورت بولۇپ، بىرىنىچى ئانىلىق چېچەك 8 _.10 _بوغۇملىرىدا شەكىللىنىدۇ، كېىينىكى ھەر 5 _6 بوغۇمىدا بىردىن چېچەك شەكىللىنىدۇ. چېچەكلىگەندىن تارتىپ مېۋىسى پىشىقۇچە 30 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى 90 كۈن ئەتراپىدا . مېۋىلەش ئىقىتىدارى تەكشى، مېۋىسى يۇمىلاق، يەككە مېۋە ئېغىرلىقى 3 _4 كىلوگرام ، شاپىقى يېشىل، قارا كۆك رەڭلىك چىشىلىق يوللىرى بار، شاپىقىنىڭ قېلىنىلىقى 0.9 _1 سانتىمىېتر ئەتراپىدا، ئېتى ھال رەڭ، چۈرۈك، شەربەتىلىك ، قەنت مىقدارى 11%_12 %ئەتراپىدا.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

2 .جىڭىزا 5 _نومۇر .بالدۇر پىشىدىغان چىلىگە سورت ، چېچەكلىگەندىن تارتىپ مېۋىسى پىشقۇچە 30 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ، پۈتۈن ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى 85 كۈن ئەتراپىدا، ئانا پېلەكىنىڭ 6 _،7 _بوغۇملىرىدا بىرىنىچى ئانىلىق چېچەك شەكىللىنىدۇ، كېىينىكى ھەر 4 _5 _بوغۇملىرىدا بىردىن ئانىلىق چېچەك شەكىللىنىدۇ. مېۋىسى ئېللىپىسىمان ، شاپقى ئاچ يېشىل رەڭدە بولۇپ، توق يېشىل گۈللۈك ئېرىقىچسىى بار، شاپىقىنىڭ قېلىنىلىقى 1 سانتمىېتر ئەتراپىدا بولۇپ، توشۇش، ساقلاشقا چىدامسىزراق، ئېتى قىزىل ، چۈرۈك، قەنت مىقىدارى 10.5%تىن يۇقىرى، يەككە مېۋە ئېغىرلىقى 2 _3 كىلوگرام ئەتراپىدا، كېسەلگە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىزراق.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

3 .سۇمى 1 _نومۇر . بىر قانچە ئەۋلادنى تاللاپ شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېتىشىتۈرۈلگەن چىلىگە سورت تۈپلىرىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇرا ھال ، پېلىكى ئىنىچىكە، يوپۇرمىقى كىچىك، زىچ تېرىشقا باب كېلىدۇ، ئانلىق چېچىكى بالدۇر كۆرۈلىدۇ. ئاساسىي پېلەك بەش بوغۇمدىن كېىيىن بىردىن پەيدا بولىدۇ. تاۋۇز بالدۇر چۈشىدۇ. ھەربىر تۈپى 1 _2 تاۋۇز باقالايدۇ، ئۇرۇق تېرىلىپ 80 _85 كۈندە تاۋۇز پىشىدۇ. تاۋۇز چۈشۈپ 28 _30 كۈندە يېگۈدەك بولىدۇ. مېۋىسى يۇمىلاق ، شاپىقىنىڭ ئاستى قارامتۇل يېشىل، كۆرۈنەر_كۆرۈنمەس تورىسمان سىزىقىچىلىرى بولىدۇ. شاپقى نېپىز ، ئېتى قىزىل، تەمى تاتىلىق، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 2 _3 كىلوگرام، مو بېشى مەھسۇلاتى 2000 _3000 كىلوگرامغا يېتىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە.ئەتىيازدا تۇتاش لاپاسلاردا تاۋۇز بىلەن كېۋەزنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغرىش تېخىنىكىسىى

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس