ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ دۇنيادا ئاشىق بولۇش ، جورا تاللاش يىگىتلەرگىلا خاس ئەمەس. سىز ئەخلاق _پەزىلەتتە، قائىدە _يوسۇندا، ئۆرۈپ _ئادەت ۋە يۈرۈش _تۇرۇشىتا كامالەت تاپقان يارامىلىق قىز بولغان ئىكەنسىىز ، ئەلۋەتتە كەلگۈسىى تۇرمۇشىڭىزدا سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولالايدىغان ياراملىق يىگىتىكە ئۇچرىغاندا، پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماسلىقىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز بىر نەچچە يىگىت تەڭ قوغلىشىىۋاتقان نىشان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە غايىڭىزگە يېقىن كېلىدىغان ئوبيېكتىنى تاللىۋېلىڭ. بۇنى دەرھال ئاشىكارىلىمىسىڭىزمۇ كۆڭلىڭىزدە سان بولۇشىى كېرەك. نۇرغۇن يىگىت مېنى قوغىلىشىۋاتىدۇ، دەپ خۇدىڭىزنى بىلەلمەي قالماڭ. ياخىشىنىڭ ئىچىدىن ياخىشىىنى تاللايمەن. دەپ تەلەپ قويغانلىكى كىشىگە كۆڭۈلچەكلىك قىلىپ جاۋاب بەرمەڭ. ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تېىپىش ھەرگىزمۇ تاللا بازىرىدا نەرسە سېتىۋالغانغا ئوخشاش ئاددىي ئىش ئەمەس، ئەكسچە ئۆزى بىلەن بىر ئۆمۈر بىلىلە ئۆتۈدىغان ھەمراھىنى تاللاشتۇر. ئۆزى لايىق، دەپ قارىغان يگىتىنى تاللاپ بولغاندىن كېىيىن، قالغانلارغا ۋاقىتىدا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلىدۈرۈش لازىم. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مەنبە.بەخت ئۆز قولىڭىزدا ئىز تورى بەك ياخشى
