app دېتالى

خوتۇنىنى ئۇرالايدىغان ئەر نوچى ئەرمۇ؟

ۋاقتى:2014-06-13 19:17مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 سىز خوتۇنىڭىزنى ئۇرالامسىز؟
     بۇ سوئالغا بەلكىم بىر قىسىم ئەرلەر: << ئۇرالايمەن، نەچچە قېتىم ئۇرغان، خوتۇننى ئۇرالمىغان ئەرنى ئەر دېگىلى بولامدۇ؟>> دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا خوتۇنىنى ئۇرالايدىغان، دائىم ئۇرۇپ تۇرىدىغان ئەرلەر نوچى ئەرمۇ؟

ئىز تورى www.iz.la


   سۆيۈملۈك ئەرلەر، خۇددى سىلەر ھاياتىمىز ئاسمىنىنىڭ تۈۋرۈكى بولغىنىڭلاردەك، بىز ئاياللارمۇ ئىنسانىيەت ئاسمىنىنىڭ نۇرلۇق قۇياشى...

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


   بىر ئايال سىزگە ياتلىق بولۇپ، بوسۇغىڭىزدىن ئاتلىغان دەقىقىدىن باشلاپ، جسىمىدىن تارتىپ روھىغىچە ئۆزىنى پۈتۈنلەي سىزگە ئاتىۋېتىدۇ. يىغىڭىزغا يىغلايدۇ، كۈلكىڭىزگە كۈلىدۇ. سىزگە چوغدەك يۈرىكىنى بېرىپ، ھاياتنىڭ، مۇھەببەتنىڭ تۈز تەمىنى تېتىتىپ، ئاجايىپ لەززەتتىن بەھرىلەندۈرىدۇ. ئائىلىنىڭ شېرىنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنياغا ئەر بولۇپ تۇغۇلغانلىقىڭىزدىن سۆيۈندۈرىدۇ.

www.iz.la


    سىز ئالتۇن سەھەرنىڭ ئاخىرقى ئەللىيىدە شېرىن چۈشلەرنى كۆرۈپ، تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنىڭىزدا، ئۇ ئاللىقاچان شېرىن ئۇيقۇسىدىن كېچىپ سىزنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىڭىزغا تۇتۇنغان بولىدۇ. ئۇ يەڭگىل قەدەملەر بىلەن يېنىڭىزغا كېرىپ، ئەڭ يېقىملىك كۈلۈمسىرەش بىلەن ناشتىغا ئۈندىگەندە سىز خۇددى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوزۇقلىنىپ بېرىدىغاندەك غۇدۇراپ، بەزىدە ئۇنى سىلكىپ مىڭ تەستە داستىدىغانغا كېلىسىز. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   ئۆي ئىشىمۇ ئىشمۇ دەۋاتامسىز؟ بولدى تالاشمايلى، بىر ئاي ئەمەس، بىر ھەپتە ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئۈستىڭىزگە ئېلىپ بېقىڭ، يا ئىش بولۇپ چىقار، يا ئىش بولماس... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    خوتۇنىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسىنىڭ بىرى - ئۇ سىزنىڭ يۈرەك پارىڭىزنى ئۆز باغرىدا توققۇز ئاي توققۇز كۈن تۇرغۇزۇپ سىز مەڭگۈ تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئاغرىقنى، دۇنياغا ھېچنىمىگە تەڭ قىلىش مۇمكىن بولمىغان ئاچچىق تولغاقنى يەپ، پەرزەنتىڭلارنى ھاياتلىق مەنبەسى بولغان بىباھا قېنىدىن ئاپئاق سۈتىنى بېرىپ ئۇنى قاتارغا قوشىدۇ. سىزنىڭ ئاتا بولغاندىكى تۇنجى ھېسسىياتىڭىزنى تىل بىلەن ئىپادىلەش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇنتۇماڭكى، مانا مۇشۇ خوشاللىقنى ئۇ سىزگە ئاتا قىلغان. ئۇنىڭ ئائىلە ئۈچۈن، پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى، ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن كېچىلىرىنى، تارتقان جەبر-جاپالىرىنى ساناپمۇ، ئېيتىپمۇ، كۈيلەپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. تېخى بەزى كېچىلەردە ئاشۇ يۈرەك پارىڭىز جار سېلىپ يىغلاپ شېرىن ئۇيقۇڭىزنى بۇزۇپ سالسا بىزار بولۇپ غۇدۇرايسىز، لېكىن ئۇ چىدايدۇ، بۇنى بۇرچۇم، دەپ قارايدۇ. بىراق سىز بالىڭىزنىڭ يىغلىماي كۈلۈپ تۇرغان، چوڭ-كىچىك تەرەت قىلمىغان چاغلىرىدىلا ئامراقلىقىڭىز كېلىپ كۆيۈپ كېتىسىز. ئازراق يىغلىدىمۇ، ئازراق تەرەت قىلىپ قويدىمۇ بولدى، << ئانىسى ئالە بالىنى...>> دەيسىز.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


    خوتۇنىڭىز سىزنى ئائىلىنىڭ ھاياتلىق تۈۋرۈكى دەپ قارايدۇ. ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى سىزگە يىغىپ ساقلايدۇ. سىزنى يول باشچىم، باش پاناھىم، مۇڭداشچىم، مەڭگۈلۈك ھەمراھىم، دەپ بىلىدۇ. رەھىمسىز يىللار كۈچتۈڭگۈر، قىرانلىقىڭىزدىن رايىش، ماغدۇرسىز، كېسەلچان بوۋايغا ئايلاندۇرۇپ قويغاندا بولسا ئۇ يەنىلا يېنىڭىزدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قەدىناسلىق بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ.... سىز ئۇنىڭغا تايىنىپ ياشايدىغان، ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالىسىز مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

    لېكىن سىز بەزىدە ياشلىق قىلىپ، باشقا ئادەملەردىن، سىرتتىكى ئىشلاردىن ئاچچىق يۈتۈۋالسىڭىز، ساراڭلىق قىلىپ، دەردىڭىزنى خوتۇنىڭىزدىن ئالىسىز، ئەقىلسىزلىق، ۋىجدانسىزلىق قىلىپ، ئۇنى ئازابلاپ دىلىنى يارا قىلىسىز. ھەتتا تېخى بەزىلىرىڭلار خوتۇن ئۇرۇش كېسلىگە گېرىپتار بولۇپ قېلىپ، داۋاملىق گۇناھكار بولىسىلەر. قارايدىغان بولساق غورۇرلۇق، مەسئۇلىيەتچان، ئوقۇمۇشلۇق، ھەق-ناھەق قارىشى ئېنىق ئەرلەر ئاسانلىقچە ئاياللارغا قول تەگكۈزمەيدىكەن. ئەكسىچە گۇمانخور، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق، ئۆزىگە ئوخشاش ئەرلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا يۈرەكلىك بىلەن بىر مۇشت ئاتالمايدىغان ئەرلەر بولسا خوتۇن ئۇرۇشقا ئامراق كېلىدىكەن. خوتۇنىڭىز ئەخلاقسىزلىق قىلىپ، دوپپىڭىزغا جىگدە سالمىغان بولسىلا ئانىڭىزدىن قالسىلا ئۇنى ئەڭ ئەزىزلەڭ، چۈنكى ئۇ ھاياتلىق سەپىرىڭىزدە شادلىققا، بوران-چاپقۇنغا تولغان ئۇزۇن سەپەرنى بىللە باسىدىغان، ئاخىرقى مەنزىلگىچە سىز بىلەن بىللە بولدىغان بىردىنبىر ھەمراھ، سىز ئۈچۈن ئاتا قىلىنغان ئەڭ ئالىي ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   ئاخىرىدا مەن سىلەرگە بىر دانانىڭ مۇنۇ تەپەككۇرىنى ھەدىيە قىلاي....
   ئاياللارنى پەقەت ئۇلۇغ ئادەملەر ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىدۇ.... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

copyright by www.iz.la

ياخشىكەن
(6)
85.7%
ئالقىشلايمەن
(1)
14.3%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس