ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
مونوناترىي گلۇتامات بىر خىل ياخشى تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ ، نۇرغۇن ئائىلىلەر ئاللىبۇرۇنلا ئۇنى قوشۇپ قورۇما قورۇش ۋە تەم تەڭشەشكە ئادەتلىنىپ كەلگەن . ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، چوڭلار مونوناترىي گلۇتامات ئىستېمال قىلسا ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ ، لېكىن بالا ئېمىتىۋاتقان ئانا كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ . چۈنكى مونوناترىي گلۇتاماتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىي گلۇتامات بولۇپ ، ئەگەر بالا ئېمىتىۋاتقان ئانا كۆپرەك ئىستېمال قىلسا ، كۆپ مىقداردىكى ناترىي گلۇتامات سۈت ئارقىلىق بوۋاق تېنىگە كىرىش بىلەن بىللە قاندىكى سىنىك بىلەن بىرىكىپ ، ئورگانىزم سۈمۈرەلمەيدىغان سىنك گلۇتاماتنى ھاسىل قىلىپ ، سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىرىۋېتىلىپ ، بوۋاقتا سىنىك كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بوۋاق بالىلاردا سىنىك كەم بولغاندا تەم سەزگۈسى ناچارلاش ، ئىشتىھاسىزلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلۈپلا قالماستىن ، يەنە ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ، ئۆسۈپ يېتىلىش ئاستا بولۇش قاتارلىق ناچار ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، بالا ئېمىتىۋاتقان ئانا مونوناترىي گلۇتاماتنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بوۋاقلارغا بولۇپمۇ 12 ھەپتىنىڭ ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇ سەۋەبتىن ئانا تۇغۇتتىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە مونوناترىي گلۇتاماتنى كۆپ ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس . بوۋاقلاردا سىنىك كەمچىل بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . www.iz.la
مەنبە ؛ بوۋاقلارنى كۈتۈش ھەققىدە 200 مەسلىھەت
www.iz.la
