ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
نىكاھ ئەمەلىيەتچىللىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر رومانتكىلىقىنى ياخشى كۆرىدۇ . لېكىن ، نىكاھتىن
كېىينىكى تۇرمۇش مۇھەببەتلەشكەن چاغدىكىگە ئوخشىمايدۇ . ئۇنڭىدا نۇرغۇن رېئال مەسىلىلەر ساقلانغان بولىدۇ . سىز ھەددىن زىيادە رومانتىك بولسڭىز ، بۇ بەزىدە ئېرىڭىزنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشىى مۇمىكىن . چۈنكى . ئەرلەر ئادەتتە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ . ئاياللار بەك رومانتك بولۇپ كەتسىە، كۆڭلىدە مۇھەببەت چوقۇم ئىزچىل قىزغىن كەيپىياتتا ئۇزاق داۋامىلىشىشى ، نىكاھتىن كېىينىكى تۇرمۇشمۇ بەئەينى مۇھەببەتلەشكەن چاغدىكىدەك قايناق ھېسىياتتا ئۆتۈشى كېرەك . دەپ ئويلايدۇ _دە، نىكاھتىن كېىينىكى رېئال تۇرمۇشقا ئېتىبار بەرمەيدۇ ۋە توغرا مۇئامىلە قىلالمايدۇ . نەتىجىدە، ئەر _ئايال بىر _بىرىدىن رازى بولماي، نىكاھ مۇناسىۋىتىدە زىددىيەت كۆرۈلىدۇ . شۇڭا، ئاياللار ئائىلە مۇناسىۋىتىدە ھەددىن زىيادە رومانتىكىلىقىنى قوغلاشماسلىقى كېرەك . لايىقىدا قىلىنىغان رومانتىك ھەرىكەتلەر بەزىدە ئائىلە تۇرمۇشىغا يېڭىقىلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمىكىن . لېكىن ، رومانتكىلىقىڭىز چەكتىن ئېشىپ كەتمسۇن .
مەنبە.بەخىت ئۆز قولىڭىزدا
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
