ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
جامائەتنى چوڭ بىلەگەن ئۇيغۇرلار جامائەتكە ئىتائەت قىلىش ، جامائەتنى ھۆرمەتلەش ، ئۇلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن جامائەتكە بولغان ھۆرمەت يوسۇنلىرىغا يوسۇنلىرىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ . جامائەتكە بولغان ھۆرمەتتە پەزىلەتلىك كىشىلەرلا ئەمەس ، ئاددىيسى كىىشلەر ئەخلاقسىز ، پەزىلەتسىز ، بەڭگى ، ھاراقكەش دەپ قارايدىغان ئادەملەرمۇ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يوسۇنغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ .
جامائەتكە بولغان ھۆرمەت يوسۇنلىرىنىڭ كونكرېت تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئالاھىدە گەۋدىلىكرەك بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ؛
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
بىرىنچى ، جامائەت ئالدىدا ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن قول بالغلاپ تۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ . قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ ، پۇت سۇنۇپ تۇرۇش ئەيىب ھېسابلىنىدۇ .
ئىككىنچى ، جامائەت بىلەن كۆرۈشكەندە ئىككى قوللاپ بىر-بىرلەپ كۆرۈشىدۇ . بۇنداق كۆرۈشۈش سورۇنى توي-تۆكۈن ، ئۆلۈم-يېتىم ۋە باشقا جامائەت قاتناشقان مەرىكىلەردە بولىدۇ .
ئىز تورى بەك ياخشى
ئۈچىنچى ، جامائەت بىلەن بىللە ماڭغاندا ، مۆتىۋەرلەر ، جامائەتنىڭ ھۆرمەتلىكلىرى ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدۇ ، قالغانلار ئۆزىنىڭ ياش قۇرامىغا قاراپ شۇ تەرتىپتە جامائەتكە ئەگىشىپ ماڭىدۇ .
تۆتىنچى ، جامائەت بىلەن مەرىكىلەرگە كىرگەندە ، ئاۋال چوڭلارغا يول بېرىلىدۇ ، ئاندىن تەرتىپ بويىچە كىرىدۇ . ئۆيگە كىرىش توغرا كەلسە ، يۇرت چوڭلىرى ئاۋال تۆرگە ئۆتىدۇ ، ئاندىن ئۆزىگە مۇناسىپ دەپ قارالغان ئورۇندا يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بەشىنچى ، جامائەت توپلاشقان يەردىن ئۆتكەندە ، پىيادە بولسا توختاپ ، ئۇلاغلىق بولسا ئۇلاغدىن چۈشۈپ ، جامائەتكە توغرىلىنىپ سالام بېرىپ ئۆتىدۇ . بۇ سالامدا ئۇ جامائەتنى تونۇسۇن ، تونۇمىسۇن بۇ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئالتىنچى ، جامەئەتكە تىل تەگكۈزۈش ، جامائەت ئارىسىدا يامان گەپ - سۆزلەرنى قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ . جامائەت ئارسىغا جۇنۇپ ھالەتتە ، مەست ھالەتتە كىرىش چەكلىنىدۇ . بۇنى جامائەت بەك ئەيىبلىك ھېسابلايدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە ؛ قائىدە يوسۇنلىرىمىز
