app دېتالى

چۈجىنى دورىلىق ياساپ يېسە ، بۆرەك ئاجىزلىقتىن بەل ئاغرىشقا داۋا بولىدۇ

ۋاقتى:2014-06-03 18:04مەنبە: يوللىغۇچى:راھىلە چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

مەن 60 ياشقا يېقىنلاشقان ئادەم . يېقىندىن بۇيان بېلىم سىرقىراپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى . جۇڭگۇچە دورىلارنى كۆپ يېدىم ، ئۇۋۇلىتىپ داۋالىتىپ باقتىم ، ھېچقانچە ئۈنۈمى بولمىدى . كېيىن بىر رېتىسىپنى ئاڭلاپ ، سىناپ ئىشلەتكەنىدىم ، ئۈنۈمى خېلىلا ياخشى بولدى . بۇ رېتىسىپ مۇنداق ؛ ئەمدىلا قىچقىرالايدىغان بولغان چۈجە خورازدىن ئالتىنى بوغۇزلاپ ، يۇيۇپ تەييارلاپ ( چوڭ خوراز بولمايدۇ ) پارچىلىنىدۇ . ئاندىن نەچچە مىنۇتلا چالا قورۇلپ ، 500 گرام ئاچچىقسۇ بىلەن دۈملىنىدۇ ( ئازراقمۇ سو قۇشۇلمايدۇ ) . گۆش تىتىلىپ پىشىپ ، قازاندا ئاچچىقسۇ دىدارى قالمىغاندا ئوتتىن ئېلىنىدۇ . گۆش قورۇما قىلىپ يېيىلىدۇ ( ئاچچىقسۇ تەمى قانچە ئۆتكۈر بولسا ، شۇنچە ياخشى ) . ئازراق قارا شېكەر بىلەن تەمىنى تەڭشەپ يېسىمۇ بولىدۇ ، بىر خوراز بىر كۈندە ئۈچ ۋاخ يەپ تۈگىتىلىدۇ . ئۈزۈلدۈرمەي ئالتە چۈجە خورازنى يەپ تۈگىتىش بىر داۋالاش كۇرۇسى قىلىنىدۇ . بۇ رېتىسىپ ئەرلەرنىڭ سەۋەبى نامەلۇم بۆرەك ئاجىزلىشىشتىن بېلى ئاغرىشنى داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ .

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

مەنبە ؛ كۆرۈنمەس دوختۇر

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس