app دېتالى

نومۇسنى ئۇلۇغ بىلىش

ۋاقتى:2014-06-03 13:25مەنبە: يوللىغۇچى:راھىلە چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  ئىز تورى www.iz.la

نومۇس ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنىڭ بىرى . چۈنكى ، نومۇس ئادەم بىلەن ھايۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم پاسىل . ئادەمدە نومۇس ئېڭى بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ ئىنسانلىشىشقا باشلىغان . بارا-بارا نومۇس ئىنسانلارنىڭ پەزىلەت يوسۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان . نومۇس ئادەمگە يامان ئىشلاردىن تىزگىن بەرگەن ، نومۇس ئادەمگە غورۇر ۋە ۋىجدان بەرگەن ، نومۇس يەنە ئادەمگە مەسئۇلىيەت ئاتا قىلغان ، نومۇس ئادەمنىڭ روھىغا چەكسىز كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغان . نەدە نومۇس بولسا شۇ يەردە غالىنلىق بولغان ، نەدە نومۇس كۆتۈرۈلسە شۇ يەردە زاۋاللىق يۈز تۇتقان .

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

نومۇس ئادەم بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدىكى پەردىشەپ ، ھۆرمەت پەردىسى دەپ قارىغان ئۇيغۇرلار نومۇسنى ھايا دەپ ئېلىپ ، ھايا يوق يەردە ئىمان يوق ، يەنى پەزىلەتكە ، ئىنسانلىققا ئورۇن يوق دەپ قارىغان . نومۇس ئىنسانغا نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلىدۇ . نومۇسسىزلىق ئادەمگە كۆتۈرگۈسىز بالا-قازالارنى ئېلىپ كېلىدۇ ، دەپ قارىغان . يۈسۈپ خاس ھاجىپ ؛ نومۇسلۇق ئەر ئۆلسە جەڭدە ئۆلىدۇ ، نومۇسسىز ئادەم جەڭدىن قاچىدۇ ، دېگەن . ئۇيغۇرلار ئادەملەرگە باھا بېرىشتە نومۇسنى مۇھىم ئۆلچەم قىلىدۇ . نومۇسچان ، ھايالىق ئادەم دېگەن ئۆزىدە نۇرغۇن پەزىلەتلەرنى ھازىرلىغان بولىدۇ . نومۇسسىز دېگەن ۋاپاسىز ، ئىككى يۈزلىمىچى ، ياماندىن قورقمايدىغان ، خائىن ، ساتقۇن ، شەخسىيەتچى ، كاززاپ قاتارلىق نۇرغۇن پەزىلەتكە يات قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شۇڭا ، ئۇيغۇرلار نومۇسسىز ئاتىلىپ قېلىشتىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ . چۈنكى ، نومۇس كۆتۈرۈلسە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئورنىغا بالا كېلىدۇ دەپ قارايدۇ . پەرزەنت تەربىيەسىدىمۇ بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپ نومۇس ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ، كۆپ تىرىشچانلىقلارنى قىلىدۇ . << ئىزا-ئىزا - نومۇس >> دەپ كىچىك بالىلارنىڭ قەلبىدە يامان ئىشلارنى قىلىشنى نومۇسلۇق ، باشقىلارنىڭ يامان كۆرۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىش ئىكەن دېگەن ئاڭنى تۇرغۇزىدۇ . يامان ئىش قىلىپ يۈزى قىزارمىغان ئادەمنى داپ يۈز ، قېلىن دەپ ئەيىبلەيدۇ  . يۈزىنىڭ ۋىللىدە قىزىرىشىنى نومۇسنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ . ئادەم نومۇستىن قىزارغاندا ياخشى تەبىئەتلىك بىر ئادەمنىڭ جىلۋىسى نامايان بولىدۇ . نومۇس قەلبنى پاكلايدۇ ، نومۇسسىزلىقتىن قەلب قارداپ كېتىدۇ . نومۇسلۇق مىللەتنىڭ ئىستىقبال مەنزىلى ئوچۇق بولىدۇ ، نومۇس كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن مىللەتنىڭ ئىستىقبال مەنزىلى قاراڭغۇ بولىدۇ .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە ؛ قائىدە - يوسۇنلىرىمىز

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس