ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بالىلارنىڭ چىشى كىچىك ۋاقتىدا رەتسى ئۆسۈپ قالسا، چوڭ بولغاندا رەتلىمەك تەسكە توختايدۇ. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ چىشى رەتسىز ئۆسۈپ قالغانلىقتىن، چىراي شەكلىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنداقتا بالىلارنىڭ چىشىنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ توغرىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دورىخانىسى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ ۋىراچى گۈلپىيە مۇنداق دېدى: مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
-ئادەتتە بالىلارنىڭ چىشىنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشىغا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئامىل بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
1. بارمىقىنى شوراش. بەزى بوۋاقلار تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بارمىقىنى شورايدۇ. بۇ ئۈستۈنكى چىشنىڭ سىرتقا ئۆسىشى، ئاستىنقى چىشىنىڭ ئىچىگە قاراپ ئۆسىشىنى پەيدا قىلىپ، چىشنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2. تىلنى ئويناش. سۈت چىش بىلەن ئۆمۈر چىش چىقىدىغان مەزگىلدە، سۈت چىشنىڭ بوشاپ، ئۆمۈر چىشىنىڭ چىقىشى ياكى قالدۇق يىلتىزنىڭ ساقلىنىش قېلىشى سەۋەبلىك بالىلار دائىم تىلى بىلەن چىش چىقىدىغان ئورۇننى يالايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تىلنى ئويناش ئادىتى شەكىللىنىپ چىشنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
3. نەرسىلەرنى قالايمىغان چىشلەش. چىش چىقىش مەزگىلىدە بالىلار سوسسىكىنى چىشلەشكە ئامراق كېلىدۇ، بۇ خىل ھالەت ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشقاندا چىشنىڭ رەتلىك ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
4 . ئاستىنقى كالپۇكنى چىشلەش. ئادەتتە بالىلار بەش ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن كەيپىياتىدا تۇراقسىزلىق كۆرۈلۈپ، كالپۇكنى چىشلەش ئارقىلىق غەمكىنلىكنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق ھەرىكەت چىشنىڭ كۆركەم ئۆسۈشىگە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
