ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
تاۋۇزنىڭ سۇغا بولغان تەلىپى نسبەتەن يۇقىرى ، ھاۋانىڭ قۇرغاق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ ، ھاۋانىڭ نسپىي نەمىلىكى شارائىتى مېۋىنىڭ پىشىشىغا پايدىسىز . 1 گىرام قۇرۇق ماددا شەكىللىىنىشى ئۈچۈن ئۈچۈن سەرپ بولىدىغان سۇ مىقدارى 700 گىرام بولىدۇ . تاۋۇز گۈلى ئېچىلىپ مېۋىلەش مەزگىلىدە سۇغا ئەڭ سەزگۈر بولىدۇ . ناۋادا سۇ كەمچىل بولسا ، ئۇرۇقىنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مېۋىلەشكە تەسىر كۆرىستىدۇ . تاۋۇزنىڭ مېۋىس يوغىناش مەزگىىلى تاۋۇزنىڭ سۇغا بولغا ئېھتىياجى ئەڭ كۆپ بولىدىغان مەزگىل بولۇپ ، بۇ مەزگىلىدە سۇ كەمچىل بولسا ، مېۋىسى كىچىك بولۇپ قالىدۇ ياكى مېۋىسى يىگىلەپ مەھسۇلاتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . تاۋۇز تۈپى ئېھتىياجىلىق بولغان نەمىلىك 60 %_70% بولۇپ نەمىلىك بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ، يىلىتىزغا ئوكسېگىن يېتىشىمەي ، تۈپىنىڭ نابۇت بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . گۈل ئېچىلىپ چاڭلىشىش مەزگىلىدە بىرقەدەر يۇقىرى ھاۋا نەملىكىنى تەلەپ قىلىدۇ . ئەگەر ھاۋا نەمىلىكى يېتەرلىك بولمىسا چاڭلىىشىشى نورمال بولماي ، مېۋىلىشكە تەسىر كۆرىستىدۇ . شۇڭلاشقا ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھاۋا نەملىكى يېتەرلىك بولمىغاندا سۈنئىي ئۇسۇلدا پۈركۈپ ھاۋانىڭ نەملىكىنى تەڭشەش لازىم . ئەتىگەندە ھاۋا سالىقىن ۋاقىتىتا سۈنئىي ئۇسۇلدا چاڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق چاڭلىشىش نسبىتىنى ، مېۋىلەش نسبتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، مەھسۇلات مىقىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە.ئەتىيازدا تۇتاش لاپاسلاردا تاۋۇز بىلەن كېۋەزنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ يوپۇق ئاستىدىن تېمتىپ سۇغرىش تېخىنىكىسىى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
