app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

ئېرىڭىزگە جىنسىي جازا بەرمەڭ

ۋاقتى:2014-05-29 19:15مەنبە: يوللىغۇچى:مىرزاتجان چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بىر ئۆمۈر چوڭلار مائارىپى بىلەن شۇغۇللانغان دالى كارنىگ مۇنداق دەيدۇ . ئەر _ئاياللىق تۇرمۇشىنىڭ بەخىتىلىك بولۇش _بولماسلىقى مال _دۇنيانىڭ قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىكىدە ئەمەس . چىن مەنىدىكى بەخىتىلىك ، گۈزەل تۇرمۇش يەنە ماسىلاشقان جىنسىي تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ سۈپەتلىك بولۇش _بولماسلىقى نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىش _قىلىماسلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرىستىدۇ . ماددىي تۇرمۇش . مەنىۋى تۇرمۇش ۋە جىنسىي تۇرمۇش ئىنسانلارنىڭ تۇغما ئېھتىياجى ، جىنسىي تۇرمۇشىنى ئەر _ئايال ئىككى تەرەپ ئورتاق بەرپا قىلىغاندىلا ئۇنڭىدىن بەھرە ئالالايدۇ . فىزىئولوگىيە  ئالىمىلىرىنىڭ تەتقىقات نەتجىسىدىن قارىغاندا ، تەن ساغلاملىقى نورمال بولغان 20 ياشىتىن 45 ياشىقىچە ئەرلەرنىڭ ئادەتتە ھەپتىسىگە بىر قېتىمىدىن بىر نەچچە قېتىمىغىچە ئايالى بىلەن جىنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش تەلىپى بولىدىكەن . ئەنگىلىيىلىك مەلۇم بىر پسخىلوگ ئۆز كىتابغا ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا تەلپۈنۈشىتىكى مۇددىئاسى ئاخىرقى ھېسابتا جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشىتىن ئىبارەت ، دەپ يازغان . يۇقىرىقى باھانى پۈتۈنلەي توغرا دېيەلمىسىەكمۇ ، ئورننىڭ مۇھىملىقىنى ھېچىكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. توي قىلىغان ئاياللارغا شۇ نەرسە ئايانكى ، ناۋادا سىز ئائىلىڭىزنىڭ ھەممە ئىشىنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئېرىڭىزنىڭ شۇ كۈنكى جىنسىي تەلپىىنى ئورۇنسىز رەت قىلىپ قويسىڭىزلا ، سىزنىڭ قىلىغان باشقا ھەممە خىزمەتلىرىڭىز ئېرىڭىز ئالدىدا نۆلگە باراۋەر بولىدۇ _دە، ئېرىڭىزنىڭ كۆزىگە بىرىدىنلا سەت كۆرۈنۈپ قالىسىز ياكى بولمسا ئېرىڭىزنىڭ  كۆڭلىدە . خوتۇنۇم مېنى ھەققىىي ياخشى كۆرمەمدۇ نېمە؟ دېگەن خاتا تۇيغۇنى پەيدا قىلىپ قويۇسىز . بىر دوستۇم بىر كۈنى يىغىلاپ تۇرۇپ ، ئېرىنىڭ باشىقا بىر ئايالىنى تېپىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى . ئىشىنىڭ جەرياننى ئاڭلغاندىن كېىيىن ، بۇ ئىشىنىڭ يۈز بېرىشىدە دوستۇمىنىڭ زور مەسىئۇلىيتى بارلىقىنى ، بۇنى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئېرىدىن كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىم . بۇ دوستۇمىنىڭ ئېرى تاكسى ھەيدەيتتى . ئىش ناھايتى جاپالىق بولغاچقا ئۆيگە كەلگۈچە ھېرىپ ھالى قالمايدىكەن . لېكىن ، دوستۇم جاھلىراق ، خاراكتېرى كۈچلۈك ئايال بولغاچقا ، ئېرىنى چاڭگىلغا ئېلىۋېلىپ ، بىر قوللۇق باشقۇرۇپ سىزغان سىزىقىدىن چىقىماس قىلىۋېتىشىنىڭ كويدا يۈرىدىكەن . ئېرىنىڭ قىلىغان ئىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسلا ئۇرۇشىدىكەن . ئۇ تېخى ئېرىگە جىنسىي جازا يۈرگۈزۈپ ، ئەر _ئايال ئوتتۇرىسدىكى ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشىلىك جىنسىي تۇرمۇشىنى قارشى تەرەپ ئۆزىدىن تىلەپ ئېرىشدىغان ھوقۇققا ئايلاندۇرۇۋاپتۇ . ئېرى ھەر قېتىم ئۆزىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىمايلا قالسا، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشىنى رەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنڭىغا بىسم ئىشلىتىپىتۇ . چويلىدا توختىمايدىغان كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئېرىنى كارۋاتتىن چۈشۈرۈۋېتپىتۇ . ئېرى ئۇنىڭ بىلەن ئەپ ئۆتۈشكە ئۇرنۇپ كۆرگەن بولسمۇ ، ئۇ ناھايتى ئېغىر شەرتلەرنى قويۇپ تۇرۇۋاپتۇ . مۇشۇنداق بولىۋەرگەنسېرى ئېرىنىڭ ئىچى تىتىلىداپ ، بىئارام بولۇپ كېچىلىرى ئۇيقۇسى قاچىدىغان بولۇپ قاپتۇ . دوستۇم ئېرىنىڭ ھالىغا قاراپ ، ئۆزىنىڭىمۇ كۆڭلى يېرىم بولغان بولسمۇ، ئېرىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن . ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي يۈرۈۋېرىپتۇ . ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا ئېرىنىڭ ناھايتى ئاچچىقى كېلىپ ئۆيدە مۇنداق ياتقۇچە، كېچىسىمۇ چىقىپ تاكسىرىمىنى ھەيدەي دەپ ئويلاپ ، كېچىدىمۇ چىقىپ كېتىدىغان بوپتۇ . بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ناھايتى پۇزۇر كىينىگەن ئايال ئۇنىڭ ماشىنىسىدا ئۇنىڭ بىلەن چىىقىشىپ قاپتۇ . ئىككىسىى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ دائىم كەچتە مۇشۇنداق قىلىىپ يۈرۈپ ، ئاخىرى بۇ ئىشمۇ ئاشكارىلىنىپتۇ . دوستۇم بۇ ئىشقا ناھايتى پۇشايمان قىلىپ . ئېرىمنى مەن ئۆزۈم كەلسە كەلمەس ئاياللارنىڭ قوينىغا ئىتىتىرىپ بەرىدىم . ئېرىمىگە يۈز كېلەلمەيمەن دېدى . ئۇ بۇ ئىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىنىڭ بۇنداق بولارنى ئويلىمىغان ئىدى . ئاخىرى بېرىپ ھەر ئىككىسىى ئازابقا قالدى . بۇ مسال ئەر _ئاياللار ئۈچۈن ناھايتى قاتتىق ساۋاق ، ئەر _ئايال ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەت باراۋەر بولىدۇ. ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ ئۆتۈش كېرەك. ئېرىمنى ئۆزۈمگە بويسۇندۇرىمەن ، دېيىش بىر تەڭسىزلىك، جىنسىي تۇرمۇش ئەر _ئايالىنىڭ ئورتاق تۇرمۇشىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى . ئەر _ئايالىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ ئىناق ، كۆڭۈللۈك بولۇشى ئائىلىنىڭ ئىناق ، كۆڭۈللۈك بولۇشى  ئائىلىنىڭ ئىناق ، ئەر _ئايالىنىڭ ئىتتىپاق ، سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشىغا پايدىلىق جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشى ئەر _ئايالىنى بىر _بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان رىشتە . ئەر _ئايال ئوتتۇرىسدىكى بەزى ئۇششاق _چۈششەك ئىشلار ۋە كېلشىمەسلىكىلەر ئەر _ئايالىنىڭ بىر كېچىلىك ئىشىقى _مۇھەببىتىدە يوقۇلۇپ كېتىدۇ . ئەر _ئايال ئوتتۇرىسدىكى ئۇششاق _چۈششەك زىددىيەت ، ماجىرا ئۈچۈن جىنسىي جازا يۈرگۈزۈش ئىنىتايىن ئەخمەقلىق . ھەرگىز ئۇنداق قىلىشىقا بولمايدۇ . ئۇنداق قىلىش ئەكسىچە ئەر _ئايال ئوتتۇرىسدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋېتىشى ھەم تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمىكىن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

1 .نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئېرىنى جىنسي جەھەتتە جازالىشىى ئېرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشىنى مەقسەت قىلىدۇ . لېكىن ، ئېرىنىڭ خاراكتېرى كۈچلۈك بولسا ، بويسۇنۇشىنى خالمايدۇ . ھېسىياتى قوزغالغاندا ، تېخى خوتۇنىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تالادىن ئۆزىگە تەسەللىي تېپىشىنى ئىزدەيدۇ. ھەتتا پاھىشىۋازلىق قىلىدۇ ، قىمار ئوينايدۇ . نەتىجىدە ، مال دۇنياسى چېچىلىپ ئاجرىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى ، بەزىلەر جىنايەت يولىغا مېڭىپ قېلىشىمۇ مۇمىكىن . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

2 .بەزى ئەرلەرنىڭ مىجەزى قوپاللىشىپ ، ئايالىدىن كۆڭلى بۆلۈنۈپ كېتىدۇ ياكى ئايالىنى تىللاپ ، ھاقارەتلەپ ئۇرۇششىى ، ھەتتا ئاخىرىدا ئۆينىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولۇشىمۇ مۇمىكىن . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

3 .ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەتتە تەشەببۇسكار كېلىدۇ . جىنسىي ھەۋەس تېز ۋە قاتتىق قوزغىلىدۇ . لېكىن ئوڭايلا بوغۇلۇپ قالىدۇ . بۇنداق بولۇشىدا ، جىسىماني جەھەتتىكى سەۋەبلەرمۇ ، روھىي جەھەتتىكى سەۋەبلەرمۇ بولىدۇ . قورقۇش ، جىددىيىلىشىش ، قايغۇرۇش ، چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ بولۇشى مۇمىكىن . ئادەتتە ، ياش ئەرلەرنىڭ جىنسىي تەلىپى ناھايتى كۈچلۈك بولىدۇ . بۇنداق چاغدا ناۋادا خوتۇنى رەت قىلسا ، ئەرنىڭ جىنسىي ئىقىتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى جىنسىي ئىقىتىدارى جىنسسىي ئىقىتىدارى ئاجىزلاپ ، بالدۇر ئىسپېرما كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . ئېغىر بولغانلىرىدا ، ئاياللىرى خالىغان تەقدىردىمۇ جىنسىي ئىقىتىدارى ئوڭايلىقىچە ئەسىلىگە كەلمەيدۇ ، ئاخىرىدا ئايالىغىمۇ قايغۇ _ھەسىرەت كەلتۈرىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

4 .مىجەزى جمىغۈر ئەرلەرگە ئايالى ھەدىسىلا جىنسىي جازا قوللانسا ، بۇ ئەرگە روھىي جەھەتتە قاتتىق بېسىم بولىدۇ . ھەتتا ئەر تېخىمۇ جىمغۇرلىشىپ ، چۈشكۈنلىشىپ ،زېھىنى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ . شۇڭا، ئاياللار ئەر _خوتۇن ئوتتۇرىسدىكى مۇھەببەتنى قەدىرلەپ ، جىنسىي جازادىن ئىبارەت بۇنداق زىيىنى كۆپ ، پايدىسى يوق ئىشىنى قىلماسلىقى كېرەك . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە.بەخت ئۆز قولىڭىزدا  

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(36)
87.8%
ئالقىشلايمەن
(5)
12.2%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس