ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
www.iz.la
1 .تاۋۇزنىڭ ئۆسۈش ئالاھىدىلىكى . تاۋۇزنىڭ ئۆسۈش جەريانى تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، تاۋۇز ئۆستۈرگەندە ھەربىر باسقۇچلارنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكىلىرىگە ۋە ئىلىگىرى _كىېينىلىك مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن ، ئوخشىمىغان ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك .
1 .ئۇرۇقىنىڭ بىخىلىنىش مەزگىلى ئۇرۇق بىخىلىنىشىتىن تارتىپ يوپۇرماق چىقارغۈچە تەخىمىنەن 10 _15 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ . بۇ ۋاقىتىتا ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلار ئاساسلىقى ئۇرۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كېلىدۇ . ئۇرۇق ئۈنۈپ توپىدىن چىقىشىتىن بۇرۇن چوقۇم ئۇرۇقىنىڭ بىخىلىنىشىغا ماس كېلىدىغان ھاۋا ، تېمپېراتۇرا ۋە نەمىلىك شارائىتىنى ھازىرىلاش كېرەك . ئۇرۇق ئۈنۈپ توپىدىن چىققاندىن كېىيىن بىر تەرەپتىن مۇۋاپىق تۇپراق تېمىپېراتۇرىسنى ساقلاش بىلەن بىللە يوپۇرماقىنىڭ فوتۇسىنتېز ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن يېتەرلىك قۇياش نۇرى بىلەن نەمىنىلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . يەنە بىر تەرەپتىن مۇۋاپىق تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش بىلەن بىللە يوپۇرماقىنىڭ فوتوسنتېىز ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن يېتەرلىك قۇياش نۇرى بىلەن تەمىنىلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . يەنە بىر تەرەپتىن ، ھەددىن زىيادە يۇقىرى تېمىپېراتۇرا ۋە نەملىكىتىن ساقىلىنىش ، ئەگەر قۇياش نۇرى بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتسە ، نۇر قايتۇرۇش تورى ئىشلىتىش ، ئەگەر نەمىلىك بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ، شامالدىتىش ۋە پارلاندۇرۇش ئارقىلىق نەملىكىنى مۇۋاپقىلاشتۇرۇش كېرەك . مايسا مەزگىلىدە مايسا سۈيىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ ، مايسا ئاستىنىقى تۆرەلمە ئوقىنىڭ بەك تېز ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، قاۋۇل مايسا يېتىشتۈرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك . تاۋۇزنىڭ يۇمران مايسىى ئۈنۈپ چىققاندىن كېىيىن ، بەزىدە يوپۇرمىقىدا ھەرخىل غەيرىي ھالەت كۆرۈلىدۇ . يەككە يوپۇرماقىنىڭ ئىپادىسگە ئاساسەن سەۋەبىنى تېىپپ چىقىپ مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىش لازىم .
1 ) پەللە يوپۇرماقىنىڭ غەيرىي ھالىتى .ئىككى پەللە يوپۇرماقىنىڭ بىرى چوڭ ، بىرى كىچىك ياكى ئاستى _ئۈستى قورۇلۇپ تەكشى بولماسلىق ياكى ئىككى يوپۇرماق بىر تەرەپكە بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممسىى ئۇرۇقىنىڭ بىخلىنىشىنىنىڭ نورمال بولماسلىقىدىن بولىدۇ. پەللە يوپۇرماقىنىڭ غەيرىي ئۆسۈشىدىن ساقىلىنىش ئۈچۈن ، ئەلا سورتلۇق ئۇرۇقلارنى تاللاش لازىم . يېتىلىشى ناچار، كېسەللەنگەن ۋە زىيانداش ھاشارات بار ياكى زەخىمىلەنگەن ئۇرۇقلارنى مايسا يېتىشتۈرۈشكە ئىشلەتمەسلىك لازىم .
2 ) پەللە يوپۇرماقىنىڭ رەڭگى سۇس بولۇش .مايسا يېتىشتۈرىدىغان ئۇرۇقىنىڭ تولۇق يېتلەلمەسلىكى ، ئاجىز ، زەخىمىلەنگەن ئۇرۇقلارنى ئىشلىتىش ، تۇپراقىنىڭ نەمىلىكى ھەددىن زىيادە يۇقىرى بولۇش ، تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولۇش ، مايسا بەك تېز ئۆسۈپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۇرۇقتىكى ئوزۇقلۇق يېتىشىمەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن مايسا رەڭگى سۇس بولۇپ قالىدۇ .
3 ) ئىككى پەللە يوپۇرماق ئۈستىگە قاراپ يېيلىش . بۇنداق ئەھۋال مايسا يېتىشتۈرگەن تۇپراق تېپىېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولغانلىقىتىن كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭلاشقا تۇپراق تېمپېراتۇرىسنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ ، تۇپراقىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشچانلىقىنى ياخشلاش كېرەك .
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
4 . پەللە يوپۇرماقىنىڭ ئەتراپى ئاقىرىپ قورۇلۇپ ، يوپۇرماق قوشۇقسمان ھالەتكە كېلىپ قېلىش . ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولغان ۋاقىتىتا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ، سولياۋ يوپۇق تۇيۇقىسىز ئېچلسا ، سوغۇق ھاۋا مايسا تۈپىگە ئېغىر تەسىر كۆرستىپ ، بۇ ھالەت كېلىپ چىقىدۇ . بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولغاندا ، ھاۋا ئالماشتۇرماسلىق ، تېمىپېراتۇرا ئۆرلىگەن ۋاقىتىتا ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك . ھاۋا ؛ئالماشتۇرغاندا ھاۋا ئالماشتۇرۇش تۆشۈكىنى ئاستا _ئاستا ئېچىپ ، مايسىنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا ماسلاشتۇرغان ئاساستا ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك . ئىز تورى بەك ياخشى
5 ) پەللە يوپۇرماق كىچىك ، رەڭگى سۇس سارغىيىپ كېتىش . ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق كەملىكىتىن كېلىپ چىقىدۇ ، شۇڭلاشقا ئاساسىي ئوغۇتنى يېتەرلىك بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتىتا ، ۋاقتى _ۋاقتىدا قوشۇمچە ئوغۇتلاش ، يوپۇرماق ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلاپ تۇرۇش كېرەك .
6 ) پەللە يوپۇرماقىنىڭ رەڭگى سۇس، ئاستىنقى تۆرەلمە ئوقى ئىنىچىكە بولۇش .بۇ سۇ بەك كۆپ بولۇش ، يورقلۇق يېتەرلىك بولىمغانلىقىنىڭ ئالامتى . بۇ ۋاقىتىتا مايسا كاندۇكچسىنى سۇغىرىشنى توختىتىپ ، يورۇقلۇقىنى كۈچەيتىش ، مۇۋاپىق قوشۇمچە ئوغۇتلاپ ، يۇمران مايسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلىگىرى سۈرۈش كېرەك .
2 .يۇمران مايسا مەزگىلى .ھەققىي يوپۇرماق شەكىللىنىشىتىن تاكى 5 _ھەققىي يوپۇرماق چىقارغۇچە بولغان مەزگىل يۇمران مايسا مەزگىلى دېيىلىدۇ . بۇنڭىغا 25 _35 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ . بۇ چاغدا يىلىتىز سېتىمىسىنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولىدۇ . يۇمران مايسا مەزگىلىدە يوپۇق يېپىش ئارقىلىق تۇپراق تېمپېراتۇرسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، يىلىتىز سېتىمىسىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك . تۇپراق نەملىكى بەك تۆۋەن بولسا، مۇۋاپىق دەرىجىدە يېنىك سۇغىرىش ياكى پۈركۈش ماشىنىلىرىدا پۈركۈپ سۇغرىپ ، تۇپراق نەملىكىنى تەڭشەش كېرەك . ئىككى ھەققىىي يوپۇرماق چىققان مەزگىلىدە ، تېز ئۈنۈملۈك ئوغۇت ياكى يوپۇرماق ئوغۇتى بىلەن قوشۇمچە ئوغۇتلاش ، ۋاقىتىدا ئوتاپ تۇرۇش ، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارات ئەھۋالىنى ۋاقىتى _ۋاقىتىدا تەكشۈرۈپ بايقالغان ھامان ئەھۋالىنى ۋاقىتى _ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ، بايقالغان ھامان ئۇنىۋېرىسال ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك .
3 .پېلەك تارتىش مەزگىلى . يۇمران مايسا مەزگىلىدىن بىرىنىچى ئانىلىق گۈلى ئېچلىغۇچە بولغان مەزگىل پەلەك تارتىش مەزگىلى دېيىلىدۇ . تەخىمىنەن يۇمران مايسا مەزگىلىدىن 15 _20 كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ . بۇ ۋاقىتىتا بوغۇم ئارىلىقى تېز ئۇزىرايدۇ ، يوپۇرماق كۆلىمى ئاشىدۇ ، يىلىتىز سېتىمىسىى ئاساسەن تېز تەرەققىي قىلىدۇ ، سۇ ، ئوغۇت قوبۇل قىلىش ئىىقىتىدارى ئاشىدۇ . بۇ مەزگىل ئاخىرلشاي دېگەندە پېلەكىنىڭ كۈندىلىك ئۆسۈش مىقدارى 5 _ 10 سانتىمىتېر بولىدۇ . ئاتىلىق ، ئانىلىق گۈل ئۈزلۈكسىز ئېچلىپ، غۇنچە شەكىللىنىدۇ ياكى ئېچىلىدۇ . پېلەك تارتىش مەزگىلىدە يىلىتىز سېتىمىسىنى تەرەققىي قىلىدۇرۇش ۋە يىلىتىزىنى قوغداش ئاساسىدا غولىنىڭ ساغلام ئۆسۈشىنى ئىلىگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە بويىغا ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، جىنسلىق ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم .شۇڭلاشقا ، بىر تەرەپتىن يۇمران مايسا مەزگىلىدە ئازوتلۇق ئوغۇتتا ئوغۇتلاشىنى كۈچەيتىش بىلەن سۇغىرىشىنى بىرلەشتۈرۈش ، يەنە بىر تەرەپتىن پېلەكىنى يۆگەش ، باستۇرۇش ۋە رەتلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ، ھەددىدىن زىيادە ئۆسۈپ كېتىشىنى كونترول قىلىش كېرەك .
مەنبە...ئەتىيازدا تۇتاش لاپاسلاردا تاۋۇز بىلەن كېۋەزنى كىرشتۈرۈپ سۇغرىش تېخىنىكىسى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
