ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
گاۋ فاڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى پىلانلاپ تەشكىللىگەن، تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› ناملىق فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى 13 – ماي بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ كىچىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ فىلىم 22 – مايدىن باشلاپ مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ.
copyright by www.iz.la
تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىنى دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ كىنو ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ‹‹خۇاشيا›› كىنو تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. ئىز تورى www.iz.la
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ، جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى لى يى، دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چاڭ توڭگاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن، ‹‹خۇاشيا›› كىنو تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇدىرى فۇ روچىڭ قاتارلىقلار تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
copyright by www.iz.la
تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىدا، ئۇچىسىغا ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن ھەنىپە ئالىماخۇن موماي ئىككى قىزىنىڭ ھەمراھلىقىدا قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمىنىڭ بىر قىسىم ئىجادكارلىرى بىلەن سەھنىگە چىقىپ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمى ‹‹مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىسى››، 2009 – يىلى ‹‹جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس›› شەرىپىگە ئېرىشكەن ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ھەقىقىي ئىش – پائالىيەتلىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ فىلىمدە ھەنىپە ئانىنىڭ مىللەت ھالقىغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئون نەچچە يىل ئىچىدە، ئالتە مىللەتتىن بولغان 19 بالىنى مۈشكۈل شارائىتتا تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايە سۆزلەنگەن. ھەنىپە ئانىنىڭ ھېكايىسى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىللاردا داستان بولغان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۈرچەتورى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
