app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

تەبىئىي گىرىم بۇيۇملىرىنى بىلەمسىز...

ۋاقتى:2014-05-13 19:12مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  ئىز تورى بەك ياخشى

ئۇيغۇر ئاياللىرى قەدىمدىن تارتىپ ھۆسىن گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ، شۇنداقلا گۈزەللىك يارىتىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۆز زىمىنىدا ئۆسىدىغان ياكى تېرىلىدىغان سۈنئىي گىرىم بويۇملىرىدىن پەرقلىق بولغان بىر يۈرۈش تەبىئىي گىرىم بويۇملىرىنى شەكىللەندۈرگەن .

ئىز تورى www.iz.la


ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىشلىتىدىغان تەبىئىي گىرىم بويۇملىرى ئىشلىتىش دائىرىسى جەھەتتىكى چاچ، قاش، قاپاق، مەڭىز، ئېغىزدىن تارتىپ قول پۇتقىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى مۇكەممەللىكىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىلمىيلىكى ، خىلىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بۇ گىرىم بويۇملىرىنىڭ كۆپ قىسمى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۆسۈملۈك، ھايۋانلاردىن بەزىلىرى مېنىرال ماددىلاردىن بىۋاستە ئېلىنىدۇ . ئۇزۇن يىللىق ئىشلىتىش ئەمەلىيىتى ئۇلارنىڭ ئادەم تېنىگە پايدىلىق ، ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ، ئەكىس تەسىرىنىڭ يوقلۇقىنى شۇنداقلا بەزىلىرىنىڭ ھەر خىل كىسەللەرنىڭ داۋاسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان . تۆۋەندە بىر قەدەر كەڭ قوللىنىلىدىغان گىرىم بويۇملىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى :
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

1. يۈز قىسمىغا ئىشلىتىلىدىغان گىرىم بويۇملىرى

1) قاش كۆزگە ئىشلىتىلىدىغان گىرىم بويۇملىرى :
ئوسما - كىرىست گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان ، ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك . ئۇيغۇر ئاياللىرى ئوسما قويۇشقا ئامراق . يازدا ھويلا، باغلىرىدىن ئازراق يەر ئاجرىتىپ ئوسما تېرىيدۇ. ئوسما قۇلاق بولغاندا ئۇنى ئۈزۈۋىلىپ سىقىپ سۈيىنى قاشلىرىغا قويۇۋالىدۇ ، ئوسما ئىچكەن قاش ئەسلىدىكى قاشتىن قارا، ئۇزۇن چىرايلىق بولۇپ ، ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشىدۇ . كۆك ئوسمىنى سىقىپ ، سۈيىنى ئۆچكە يېغىغا ئارلاشتۇرۇپ قىشنىڭ تەييارلىقىنىمۇ قىلىۋالىدۇ . بۇ تاش ئوسما دەپ ئاتىلىدۇ . تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قويغىلى بولىدۇ . ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قارىشىچە ، ئوسما قاشنىڭ ئوزۇقى ۋە ئۇسسۇزلۇقى . ئوسما قويىۋەرسە قاش قارىيىپ ، قويۇقلىشىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

سۈرمە - بۇ بىرخىل كۈل رەڭ ۋە قارا رەڭدىكى مىتالدەك پارقىراق مىنىرال ماددا بولۇپ شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدىن چىقىدۇ  . ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇنى تالقاندەك ئېزىپ پەلكۈچ بىلەن قاپىقىغا ۋە كىرپىكىگە تارتىدۇ . سۈرمە كۆزنى يوغان كۆرسىتىدۇ ھەمدە كۆزنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ .
ئىز تورى www.iz.la

ئىگىر - كۆپ يىللىق ، پۇراقلىق ، سۇ ئىچىدە ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك . ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇنى چالا كۆيدۈرۈپ ، قاشلىق ئورنىدا ئىشلىتىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇنىڭدىن باشقا قاشنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قىچىنى ئېزىپ ، ئازراق سۇ بىلەن قاينىتىپ قېشىغا سۈرىدىغان ئادەتمۇ بار .

2)مەڭىز ۋە ئېغىزغا ئىشلىتىلىدىغان گىرىم بويۇملىرى : بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇپا ، ئەڭلىك ئىشلىتىش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن .
ئەڭلىك_   ئۇپا ، ئەڭلىك سۆزلىرى"تۈركىي تىللار دىۋانى" دىمۇ بار . ئۇنىڭدا ئەڭلىكنى " خوتۇنلار يۈزىگە سۈرتىدىغان ئاچ قىزىل بوياق" دەپ چۈشەنچە بېرىلگەن . جىن سۈيباۋنىڭ " قەدىمكى ۋە بۈگۈنكىگە ئىزاھات" ناملىق كىتابىنىڭ 2- توپلىمىدا "زاراڭزىنىڭ يوپۇرمىقى چوڭ خوخاتىكەننىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ ، گۈلى مامكاپنىڭكىگە ئوخشايدۇ  ، غەرىپتىن چىقىدۇ . يەرلىكلەر ئۇنى بوياق ئورنىدا ئىشلىتىدۇ ، ئۇنى ئەڭلىك قىلغىلىمۇ بولىدۇ " دەپ خاتىرىلىگەن ... [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ئۇيغۇرلار يەنە بەزىدە ئالۇچا بىلەن قىزىلگۈلنى ئارلاشتۇرۇپ ئۇنىڭ سۈيىنى ئەڭلىك ۋە گىرىم بويۇمى ئورنىدا ئىشلىتىدۇ .
قېتىق - ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىچىملىك تۈرى . يېزا ئاياللىرى ئىشقا چىقىدىغان چاغدا يۈزىگە كۆپىنچە قېتىق سۈرىۋالىدۇ . قېتىق تىرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ ، ئاقارتىدۇ ، ئاپتاپتا كۆيۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشتىن ساقلايدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇيغۇر ئاياللىرى پىششىق پىشقان تاتلىق قوغۇننىڭ سۈيىنى يۈزىگە سۈرىدۇ . بۇنى ئۈزۈلدۈرمەي سۈركەپ بەرسە يۈزنى سىلىقلاشتۇرۇپ ، پارقىرىتىپ ، قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، دەپ قارايدۇ . تەرخەمەكنىڭ پوستىنى قورۇق چۈشكەن يەرگە سۈركەپ بەرسە ، قورۇقنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


2. چاچ ئاسراش بويۇملىرى :
ئۇيغۇر ئاياللىرى چېچىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئۇزۇنلۇقى بىلەن پەخىرلىنىدۇ . ئۇلار چاچلىرىنى ئاسراش ئەمەلىيىتى داۋامىدا نۇرغۇن چاچ ئاسراش ۋە كۆركەملەشتۈرۈش بويۇملىرىنى ياراتقان . ئىز تورى بەك ياخشى
يىلىم _ ئۇيغۇر ئاياللىرى يېلىمنى چاچنىڭ ئوزۇقى دەپ قارايدۇ ، جىگدە يىلىمىنى سۇغا چىلاپ چىچىغا چاپىدۇ . چاچقا داۋاملىق يىلىم چېپىپ بەرسە ئۆرۈلگەن چاچنىڭ رەتلىكلىكىنى ساقلاپلا قالماي ،يەنە چاچنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، يىزا ئاياللىرىنىڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە چىچىدىن يىلىم ئايرىمايدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ چېچى ناھايىتى توم ۋە ئۇزۇن بولۇپ ، بەزىلىرىنىڭ تېقىمىدىن ئاشىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياغلىقارا _ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ياغلىساڭ قارا بولىدۇ دېگەنلىكتۇر.
ئاياللار بادام مېغىزى ۋە شاپتۇل مېغىزىنى كۆيدۈرۈپ مېيىنى چاچ يىلتىزى ، چاچ ۋە قاشقا سۈركەيدۇ . بۇ ياغلىقارا دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ چاچنى قارايتىدۇ چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە پارقىرىتىدۇ .
ئىز تورى بەك ياخشى

سىيادان _ سىيادان شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى . ئۇيغۇر ئاياللىرى چېچىنى قارايتىش، چاچ چىقىرىش ئۈچۈن چاچ يىلتىزىغا سىيادان مىيى سۈركەيدۇ ، چاچنى تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن يۇيۇپ ئاندىن سىيادان مېيى سۈركىسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قارىمۇچ ۋە پىياز _ ئۇيغۇرلار قارىمۇچ ۋە پىيازدىن ئايرىلالمايدۇ . ئۇيغۇر ئاياللىرى قارىمۇچ بىلەن پىيازنى قاينىتىپ چاچنى يۇسا چاچ ئىتتىك ئۆسىدۇ دەپ قارايدۇ .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


3. باشقا ئەزالارغا ئىشلىتىدىغان  بويۇملار:
1) تەنگە ئىشلىتىدىغان خۇش پۇراق بويۇملار
ئىپار - ئەركەك ئىپار كىيىكنىڭ كنىدىكىنىڭ تۆۋەنرەك تەرىپىدىكى ئىپار خالتىسىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ناھايىتى خۇش پۇراق سۇيۇقلۇق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇيغۇر ئاياللىرى يەنە سەنەل ، زەپەر ، ئەنبەر، پىلپىل ، لاچىندانە قاتارلىقلانىمۇ پۇراقلىق بويۇم ئورنىدا ئىشلەتكەن .

2) قولنى گۈزەللەشتۈرۈش بويۇمى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئۇيغۇر ئاياللىرى قول پۇتلىرىنىڭ گۈزەللىكىگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن . ئۇلار يازنىڭ كۈنلىرى قولىغا (پۇتىغا) خىنا قويىدۇ . خېنا بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ ئۇنى يۇمشاق چاناپ ، ئازراق زەمچە قوشۇپ ، قولىغا، پۇتىغا ياقسا ئىچىدۇ . ئىچكەن يەر قىزىل ياكى ھال رەڭگە كىرىدۇ ۋە ئۇزاققىچە ساقلىنىپ تۇرىدۇ خېنا قويسا قول ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنىدۇ ، شۇنداقلا ئۇيەنە قول - پۇت تەرلەپ ، يېرىلىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن تەبىئىي گىرىم بويۇملىرى ھەم ئەمەلى ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە ھەم گۈزەللىك قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ، ئۇ ھازىرقى زامان خىمىيىۋى گىرىم بويۇملىرىغا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە . ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىستېتىك قارىشىنىڭ ۋە ئەقىل پاراسىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر .

copyright by www.iz.la




مەنبە : قىز ئاياللار مەخپىيىتى (كىتاب)

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(9)
90%
ئالقىشلايمەن
(1)
10%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس