ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
1. ياسىنىشىڭىزدىن قۇسۇر تاپىدۇ ،
بەزى ئەرلەرئادەتتە ئايالىغا زىبۇ - زىننەت ۋە كىيىم كېچەكنى ئانچە ئېلىپ بەرمەيدۇ - يۇ ،سىرتلارغا چىققاندا ، سورۇنلارغا بارغاندا ئايالىنىڭ كىيىنىشىدىن قۇسۇر تاپىدۇ . بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئادەتتە بەك تارتىنچاق كېلىدۇ ، چۈنكى ئۇ تەنقىد كۆتۈرەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئايالىنىڭ ياسىنىشى سەۋەبىدىن دوسلىرىنىڭ ۋە ئورۇق تۇققانلىرىنىڭ مەسخىرسىگە ئۇچىرشىدىن ئەنسىرەپ ، ئايالىغا بۇ جەھەتتە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ . بۇ خىل ئەۋلادىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئايالىغا بولغان غەمخورلۇقىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى ھەرگىزمۇ ئۇنى ئەيىپلەپ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2. تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى قەستەن ئۇنتۇپ قالىدۇ .
ئەرلەرنىڭ بۇنداق بىپەرۋالىقى ئەلبەتتە ئاياللارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ . ھەر ھالدا ئۇ توي خاتىرە كۈنىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ئەگەر ھەر ئىككىسىنى ئۇنتۇپ قالسا ، ئۇ ئەلبەتتە تەنقىدلىنىشكە ھەقلىق . لېكىن سىز بۇنچىلىك ئىشلار ئۈچۈن غەۋغا كۆتۈرۈپ يۈرمەي ئۇنى مۇۋاپىق رەۋىشتە ئەسكەرتىپ قويسىڭىزلا ، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى سىمايىڭىز تېخىمۇ تەمكىنلىشىپ بارىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
3. ئايال چولپانلارغا چوقۇنىدۇ .
چىرايلىق ئاياللارغا ئىنتىلىش - بارلىق ئەرلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگەى ، تېلۋىزىيە رىياسەتچىلىرى ، ئايال چولپانلارغا ئىنتىلىشمۇ بىردەمچىلىكلا خالاس . شۇڭا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەگەر يولدىشىڭىز ئاشۇ گۈزەللەرنى دەپ سىزدىن چانمىسىلا بۇ ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ يۈرىشىڭىزنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
4. پاكىز كۆڭلەكنى تاپالمايدۇ .
سىز سىرتلارغا كاماندىروپكىغا ياكى ئىش بېجىرىشكە بېرى قايتىپ كەلگەن چېغىڭىزدا ئېرىڭىزنىڭ كۆينەكلىرىنى كىيگىلى بولىدىغان مەينەت كۆڭلەك ۋە كىيگىلى بولمايدىغان مەينەت كۆڭلەك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىۋەتكەنلىكىنى كۆرىسىز . بۇنى كۆرۈپ ئەلبەتتە قۇيقا چاچلىرىڭىز تىك تۇرۇپ كىتىدۇ ، ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ كىيىم رەتلەشكە زادى ئېپى يوق بولسا ئۇنىڭ قولىدىكى ئىشنى سىز ئېلىپ ئۇنى باشقا ئىشلارغا بۇيرۇڭ . مۇشۇنداق قىلىپ كۆڭلىڭىزنى تىنجىتمىسىڭىز ئېنىقلا يۈتكەن ئاچچىقىڭىز ئۆزىڭىزگە بولىدۇ ، ئېرڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇمۇشتا تەرتىپلىك بولۇپ كىتىشى ناتايىن . ئىز تورى بەك ياخشى
5. ئازراق خۇپىيانە پۇل ساقلايدۇ .
نۇرغۇن ئەرلەر ( بەلكىم ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەرلەر ) مېھماندارچىلىق ياكى دوسلىرى ئارا مۇئامىلىدە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ھەر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىدىن ئازراقتىن قىسۋالىدۇ ۋە بۇ پۇللارنى خۇپىيانە ساقلايدۇ . خۇپىيانە پۇلنىڭ سوممىسى ئائىلەڭلارنىڭ ئىقتىسادىغا چوڭ تەسىر يەتكۈزگۈدەك دەرىجىدە كۆپ بولمىسىلا ئۇ يەنىلا تۇرىۋەرگەي ، ئارتۇقچە سۈرۈشتۈرۈپ ئېرىڭىزنى ئوسال قىلىشىڭىز سىزنڭى ئاجىزلىقىڭىز . بەلكىم بۇ خۇپىيانە پۇللار ھالقىلىق پەيتكە كەلگەندە ئىككىڭلارغا ئورتاق ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
6. ئائىلىسىدىكىلەرگە دەپ قويماي كىچىكىپ قالىدۇ .
سۆيگۈ قۇياشىنى پەرۋازىغا قويۇپ بېرىش ، ئەلبەتتە ئىشەنچتىن دېرك بىرىدۇ . يولدىڭىز يىلدا بىر قانچە قېتىم سىزنى خەۋەرلەرندۈرۈپمۇۇ قويمايلا كېچىسى بەك كەچ قالسا ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىپ كەتمەڭ ، ھەددىدىن زىيادە كۆزىگە كىرۋالسىڭىز ئۇ تېخىمۇ بۇيۇنتاۋلىق قىلىدۇ ، ئەگەر كەچ قايتىشى سەل ئېشىپ كەتكۈدەك بولسا خەۋەرلەرندۈرۈپ قويۇش ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىپ قويسىڭىزلا كۇپايە . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
7. ئەر تۇنۇشلىرىڭىزنى رەتكە تىزىپ باقىدۇ .
بەزى ۋاقىتلاردا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىچى تار كىلىدۇ ، شۇڭا گاھىدا سىزنىڭ ئەر تۇنۇشلىرىڭىزنى ، ئەر خىزمەتداشلىرىڭىزنى رەتكە تىزىپ سىزگە سوغۇق كۈلۈپ قويىدۇ ، سىز بۇ ئەھۋاللارغا قىلچە پەرۋا قىلماڭ ھەم ئۇنىڭ بۇ خىل كۈندەشلىكىنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىپمۇ كەتمەڭ چۈنكى دۇنيادا جۈپتىنى كۈنلىمەيدىغان ھىچبىر ئىنسان بولمىسا كېرەك . www.iz.la
8. سوۋغات ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ .
بەزى ئەرلەر سىرتلارغا چىقىپ ، خېلى ئۇزۇن ئۆتكەندىن كىيىن قايتىپ كىلىدىغان ۋاقتىدا ھەتتا ئۇنىڭ يولىغا قاراپ كۆزلىرى تۆت بولغان باللرىغىمۇ سوۋغات ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ، سىز ئۇنىڭ بۇ خىل بىپەرۋالىقى ۋە كۆڭۈل ئاياشنى بىلمەسلىكىدىن ئاچچىقلايسىز . لېكىن سىز بۇنىڭغا قارىتا ھەرگىزمۇ چالۋاقاپ كەتمەي ئۇنى بىر نۆۋەت كەچۈرۋېتىڭ ھەم ئۇنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدلا تالاغا چىقىپ قىزىغا سوۋغات ئەكىرىپ كەچىلىكنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش پۇرسىتى بېرىڭ . كىلەر قېتىم ئېسىگە سېلىپ قويسىڭىزلا ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ ... مەنبە: ئىزدىنىش
