app دېتالى

ئۇيغۇرلاردا پىچاق مەدەنىيىتى

ۋاقتى:2014-05-09 12:45مەنبە: يوللىغۇچى:ئانىقىز چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى ئەجدادلىرى تاش قوراللار دەۋرىدە تاشتىن، برونزا(كۈك مىس)قوراللىرى دەۋرىدە مىستىن، تۈمۇر قوراللىرى دەۋرىدە تۈمۇردىن ھەر خىل پىچاق ۋە خەنجەرلەرنى ياساپ، ئۇزاق تارىخىي جەريانلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش- تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۇنى كۈپ قېتىم ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلاپ، ئۈتكۇر، نەپس- كۈركەم، ھالەتكە كەلتۇرۇپ پىچاقتىن ناھايىتى ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىنى تارىخ، ئارخېئولوگىيە مەنبەلىرى داۋاملىق دەلىللەپ كەلدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەلۇمكى، ئۇيغۇرلاردىكى پىچاق مەدەنىيىتى ئۇيغۇر قول ھۇنەر سەنئىتى ۋە يىپەك يولى سودىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ راۋاجلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئۈتكۇر، نەپس،كۈركەم ۋە مەپتۇنكار پىچاق مەھسۇلاتلىرى بىر تەرەپتىن ئىستىمال قىممىتىگە ئىگە تۇرمۇش بۇيۇمى ھېساپلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى ھېساپلانغان. پىچاققا ئىشلەنگەن ھەر خىل نەقىش-بېزەكلەر ئۇيغۇر ھۇنەر- سەنئىتىنىڭ گۇلى ۋە ئىستېتىك بۇلىقى بولۇپ، بۇنداق خاس مىللىي نەقىشلەر ئەمگەك رېتىمى، تۇرمۇز رېتىمى، ھەر خىل گارمونىك،رەڭدارلىق ۋە تۇرلۇك مىللىي شەكىل نۇسخىلىق ئالامەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى روھىي ھىسسىياتىنى ۋە ئىستېتىك قىزىقىشىنى ئىپادىلىگەن. شۇڭا ئۇنىڭ مەڭگۇلۇك زوقلانغۇچ ئىستېتىك قىممىتى كۇنسايىن ئېشىپ بارغان. شۇڭا ئۇيغۇر پىچاقلىرى يەنە ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر قول-ھۇنەر سەنئىتى خۇسۇسەن پىچاق مەدەنىيىتىنىڭ نەق ماددىي پاكىتى ۋە تارىخىي گۇۋاھچىسى سۇپىتىدە، مۇھىم ئارخېئولوگىيىلىك ھەم تارىخىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. 
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 
بۇگۇنكى كۇندە ئۈزىنىڭ ھەر خىل داڭلىق ماركىسى ھەم كۈركەم، نەپىس، گۇزەللىكى بىلەن جوڭگو ۋە چەت ئەل ساياھەتچىلىرىنى مەپتۇن قىلىۋالغان ئۇيغۇر پىچاقلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇيغۇر خەلق قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ ئەڭ نەپىس مەپتۇنكار بۇيۇمىغا ئايلىنىپ، زور ئىقتىسادىي قىممەت ھەم مۇھىم ئىجتىمائىي ئۇنۇم يارىتىۋاتىدۇ.

www.iz.la


شۇڭا ئۇيغۇر پىچاق مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى ھەققىدە ئىزدىنىش، ئۇيغۇر پىچاقلىرىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تارىخىي قاتلاملىرىنى يورۇتۇش ۋە ئۇنى پىچاق مەدەنىيىتىنى ياراتقان ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي تارىخىي مىراسخورلىرى بولغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش- ۋىجدانىي بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە ۋىجدانى پاك، ئىمانى كامىل تارىخچىلىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى بولسا كېرەك.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس