ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
3-ماي، كارۋان تورىنىڭ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى بىۋاستە مەبلەغ سىلىپ ئىشلەۋاتقان «بۇ ئائىلىگە قاراڭ » ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى نەق مەيدانىغا بىرىپ، نەق مەيداندا بىرىنجى باسقۇچلۇق سۆرەتكە ئىلىش خىزمىتىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن ئاياغلىشىپ قالغانلىقى ۋە بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئومومىي مەزمۇنى ۋە كۆرسىتىلىش ۋاقىتلىرى توغرىسىدا نەقمەيدان زىيارىتى ئىشلىدۇق. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
«بۇ ئائىلىگە قاراڭ» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق ئۆي ئىچى كومىدىيە فىلىمى بولۇپ ، بۇ فىلىمدە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى ، كېلەچەكتىكى تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرى ، بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئۆزگۈرۈشلىرى ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ھەم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق - ئىتتىپاقلىقى ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن 3 ئاي تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن ، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىغان . 1-بۆلۈم 30قىسىم بولۇپ ، بىر قىسىم 30مىنۇت ھەم يەنە ئاز بىر قىسىم سىرتقى مەنزىرە كۆرۈنۈشلىرى سۈرەتكە ئېلىنغان . ئەمدىكى پىلان بولسا ، فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆرۈش نىسپىتىغا قارىتا 2- 3- 4- بۆلۈملىرىنى سۈرەتكە ئالماقچىكەن . بۇ فىلىمدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، خۇيزۇ ، قازاق قاتارلىق ھەر مىللەت ئارتېسلىرى رول ئالغان . ئاساسلىقى بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىختىلاپلىرى ، خوشنا - قولۇم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ، خىزمەتداشلار ئارا مۇناسىۋەت ، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلار ھەم ئۇنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ۋەقەلەر ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۇمۇرىستىك ، چاقچاق خۇمار خارەكتىرى ، شۇنداقلا كىيىم-كېچەك ، يىمەك ئىچمەكتىمۇ ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئۆرىپ – ئادىتى قويۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ بېرىلگەن .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئىشلەنگەن ئۆي ئىچى كومىدىيە فىلىمى بولۇپ ، دەۋرىي ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىق مىدىيا بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاكتىپ رولى بار . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ، شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ بارغانسېرى يۈكسىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ ، بۇ فىلىم شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تېلۋىزىيە گۇرۇپپىسىسىنىڭ يېڭىچە شەكىلگە يۈزلەنگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە كەڭ كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشسە ، ياخشى باھاغا ئېرىشىپلا قالماستىن يەنە شىنجاڭ تېلۋىزىيىسىنىڭ تىپىك نامايەندىسى بولۇپ قالغۇسى.
www.iz.la
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مەنبە......تور دۇنياسى
ئىز تورى بەك ياخشى
