ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
جاڭ چۈنشيەن ئاساسلىق فىلىم ئىجادىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
خالىدە ئوبۇل خەۋەر قىلىدۇ: مىللەت ھالقىغان چوڭقۇر مۇھەببەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىسى ھەنىپە ئالىمئاخۇننىڭ ئالتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان 19 بالىنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقانلىقىدەك تەسىرلىك ھەقىقىي ۋەقەلىككە ئاساسەن ئىشلەنگەن ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› ناملىق فىلىم 28 – ئاپرېل ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم قويۇلدى. بۇ فىلىم يېقىندا ئۈچ خىل تىلدا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قويۇلىدۇ، 13 – ماي بېيجىڭدا قويۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلىدۇ. www.iz.la
‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› ناملىق بۇ فىلىم ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن نۇقتىلىق فىلىم ھېسابلىنىدۇ، تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن بۇ فىلىمدە ھەنىپە ئانىنىڭ مىللەت ھالقىغان مېھىر – مۇھەببىتى، تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاساسلىق فىلىم ئىجادىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھەنىپە ئالىمئاخۇننىڭ بالىلارغا سىڭدۈرگەن مېھىر – مۇھەببىتى مىللەت ھالقىغان چەكسىز مۇھەببەتتۇر. بۇنداق مۇھەببەتتە مەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن دۇنياۋى مەدەنىيەت گەۋدىلىنىدۇ.
www.iz.la
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەنىپە ئالىمئاخۇننىڭ ئىش ئىزلىرى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ، بىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ئۆگىنىشىمىز ۋە تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك. ھەنىپە ئالىمئاخۇندىكى ئانىلىق مېھىر – مۇھەببەتتە چىن مۇھەببەت، ئاق كۆڭۈللۈك تولۇق ئەكس ئەتكەن. فىلىمدە، بىر ئائىلىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان بالىلارنىڭ بىر چوڭ قازاندا تاماق يېگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ كۆرۈنۈش ئىپادىلىگەن مەنا ئىنتايىن چوڭقۇر. بۇ ئۆيدىكى چوڭ ئوغۇلنىڭ مۇشۇ چوڭ قازاننى قوغداش يولىدا قۇربان بولۇشى دەل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغانلىقىنىڭ بىر كارتىنىسىدۇر. ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىپ، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشى، ئاممىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ھەرمىللەت ئاممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلىشى، ئەلنى مايىل قىلىپ، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمىدە رول ئالغان ئارتىسلار رولنى ئىنتايىن ئوبرازلىق، جانلىق، تەسىرلىك ئالغان بولۇپ، فىلىم كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىكەن. شۇڭا بۇ فىلىم كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان مېھىر – مۇھەببەت ناخشىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان مەدھىيە ناخشىسى بوپتۇ. تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى توپلىغان تۇرمۇش جۇغلانمىسى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ۋە رايون ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، تېخىمۇ تىرىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، بۇ فىلىمنىڭ قويۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاپتونوم رايونىمىز رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، خۇاڭ ۋېي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق رەھبەرلەر فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇنىڭدىن باشقا فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن باش قەھرىماننىڭ پىروتوتىپى ھەنىپە ئالىمئاخۇن ۋە ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمىنىڭ ئىشلىگۈچىسى، رېژىسسورى، ئاساسلىق ئارتىسلىرىمۇ مۇراسىمغا قاتناشتى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
