app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

نېمە ئۈچۈن ئۆرۈك كۆپ چېچەكلەپ ئاز مېۋىلەيدۇ

ۋاقتى:2014-04-18 12:43مەنبە: يوللىغۇچى:مىرزاتجان چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۆرۈك ئەتىرگۈل ئائىلىسدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان بىر خىل مېۋىلىك دەرەخ بولۇپ ، دۆلىتىمىزدە ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزۇن . ئۆرۈك باش باھاردا چېچەكلەيدۇ ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى بۇلۇت دېڭىزىغا ئوخشاپ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ زوقلاندۇرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، خەلق ئارىسدا ئۆرۈكنى بېرىدۇ ، ئۆرۈك شېخى باغ ئىچىدىن سالام بېرىدۇ . ئۆرۈكنىڭ بىخى گۈل بىخى ۋە يوپۇرماق بىخى دەپ ئىككى خىلىغا قىلىدىغان ئەھۋالمۇ ناھايتى ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدۇ . ئادەتتە مۇرەككەپ بىخى ئىچىدە 2 _3 تال گۈل بېخى بولىدۇ ، مۇۋاپىق شارائىتىتا 5 _4 تال گۈل بىخى ھاسىل قىلالايدۇ . ئۆرۈكىنىڭ گۈل بىخىدىن ئادەتتە بىر تال گۈل ئېچىلىدۇ ، لېكىن مېۋىلىك شېخىدا مۇرەككەپ بىخلىرىنىڭ سانى كۆپ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن گۈلىنىڭ سانىمۇ كۆپ بولىدۇ . ئەپسۇسكى ، ئۆرۈكنىڭ ئېچلىغان گۈلى ناھايتى كۆپ بولغان بىلەن مېۋىسى ئاز بولىدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ؟ سەۋەبى كۆپ بولۇپ ، ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقىتىغا ئىخىچاملاشقا بولىدۇ . بىرىنچى ، ئۆرۈك گۈلىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك  ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئانلىقىنىڭ يېتلىشى تولۇق بولماسلىقىتەك رودىمېنتلىشىش ھادىسى مەۋجۇت ، رودىېمىنىتلاشقان گۈل كۆپ ھاللاردا چاڭلىشالمايدۇ ، ئۇرۇقىلىنالمايدۇ ، تەبىئىيكى مېۋىمۇ بېرەلمەيدۇ . تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا رودىمېنتلىشىش  يۈز بېرىشتە مۇنداق ئىككى  سەۋەب بار. بىرىنىچىسى ، ئوزۇقلىنىش شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئىككىنىچىسى ، سورتنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ بەلگىلىك مۇناسىۋەتلىك . مەسىلەن ، ئاچچىق ئۈچكىلىك ئاق ئۆرۈكنىڭ رودىمېنتىلاشقان گۈللىرى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ ، لېكىىن سېرىق ئۆرۈك ۋە قاپاق ئۆرۈكلەرنىڭ رودىمېنتىلاشقان گۈللىرى بىرقەدەر ئاز بولىدۇ . ئىككىنىچى ، ئۆرۈك گەرچە سوغۇققا ، قۇرغاقچلىققا چىدىسمۇ لېىكىن يورۇقلۇقنى كۆپرەك تەلەپ قىلىدۇ . ئەگەر يورۇقلۇق يېتىشىمىسە ھارام شاخلىرى ئۆسۈپ كېتىش ، رودىمىېنتىلاشقان گۈللىرى كۆپىيىپ كېتىش ھادىسلىرى كۆرۈلىدۇ . تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا قارىغاي سايسدە ئۆسكەن ئادەتتىكى ئۆرۈكىنىڭ رودىمېنتىلاشقان گۈللىرىنىڭ سانى 43.6% كە يېتىدىغان بولۇپ ، كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان ئوچۇقچىلىقتىكىگە قارىغاندا 29 % ئەتراپىدا كۆپ بولىدۇ . ئۈچىنچى ، ئۆرۈك ئۈچكىلىك مېۋىسى بار مېۋىلىك دەرەخقە تەۋە بولۇپ ، ئۈچكىلىك مېۋىسى چاڭلىشىدۇ ، ئۆزىدىن چاڭلاشسا مېۋىلەش نسبتى تۆۋەن بولىدۇ ، ئەگەر بىر تۈپ ئۆرۈك ھويلىدا يەككە _يېگانە ئۆسسە ، مېۋىسى ئاز بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە......يۈز مېڭلىغان نېمە ئۈچۈن 

copyright by www.iz.la

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس