ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1. 30گرام ئاق تۇرۇپنى ئېزىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ،30گرام شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ،بىر قېتىمدىلا ئىچسە تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
2. 200گرام ئەتراپىدا ھۆل سېمىز ئوتنى ئېزىپ ياكى قاينىتىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ مۇۋاپىق مىقىداردا شېكەر قوشۇپ ئىچسە،تولغاق بىلەن ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3.ھۆل نېلۇپەر غولىنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ مۇۋاپىق مىقىداردا شېكەر قوشۇپ ئىچسە تولغاققا شىپا بولىدۇ.
4.تۇرۇپنىڭ شىرنىسى،ھۆل زەنجىۋىلنىڭ شىرنىسى،قارا شېكەر ۋە ئاچچىقسۇلاردىن ئۈچ قوشۇقتىن ئېلىپ،ئارىلاشتۇرۇپ،ئۈچ گرام رەۋەن تالقىنى سېلىپ ئىچسە تولغاققا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
5.مۇۋاپىق مىقىداردا قارا ئۆرۈكنى قاينىتىپ سۈيىنى چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ شۈرۈشكە پايدا قىلىدۇ.
6.ئون دانە چوڭ چىلاننى ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ،مۇۋاپىق مىقىداردىكى سۇدا ئون مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ،ئۈستىگە توققۇز گرام قۇستى قوشۇپ ئازراق قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ سۈيىنى ئىچسە ئادەتتىكى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
7.قۇرۇق دولانەدىن 20گرام،ھۆل زەنجىۋىلدىن ئۈچ گرام ئېلىپ،مۇۋاپىق مىقىداردىكى سۇدا 15مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ،ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈشكە پايدا قىلىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەنبە؛(جەۋھەر رېتسىپلار)ناملىق كىتابتىن ئېلىندى [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
