ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورى www.iz.la
ئىسىم- فامىلىسى: ئايتۇلان مەتقاسىم بوي ئېگىزلىكى: 165سانتىمېتىر ئېغىرلىقى: 47 كىلوگرام شىنجاڭ مودا ناخشىچىلىقىنىڭ سەركەردىسى بولغان ناخشىچى ئايتۇلاننى ھەقىقەتەن ئىسمى- جىسمىغا لايىق چولپان دېيىشىگە بولىدۇ. ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو < تاۋلى> لوڭقىسىنى تالىشش ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مۇنەۋۋەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. 1998- يىلى مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن < كۆرۈۋالاي يار>، < ياشلىق> ناملىق م ت ۋ پلاستىنكىلىرى نەشر قىلىنىپ، بۈگۈنگە قەدەر سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە شىنجاڭ بويچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلمەكتە. 1999- يىلى يالغۇز كىشىلىك ھازىرقى زامان سەنئەت ئۇسلۇبىدا ناخشا- ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەييارە ئويۇن قويۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ھەم بۇ ناخشا كېچىلىكىنىڭ پىلانلىغۇچىسى، ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىسى، كىيىم لايىھىلىگۇچىلىكىنى ئايتۇلان ئۆزى ئۈستىگە ئىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك قابىلىيىتى ۋە سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلىدۇ. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ كېچىلىككە يۇقىرى باھا بېرىپ،تەشۋىق قىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇن-سىن نەشرىياتى بۇ قېتىمقى كېچىلىكىنى نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئىلىپ تارقىتىدۇ. ئۇ باش رول ئالغان < ئاقىۋەت > ناملىق فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. شىنجاڭ ئەتىرگۈل ھاراقچىلىقىنىڭ ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەل ئوبرازى، ناخشىسى ، جۇشقۇن ئۇسسۇلى ۋە ئورۇنلاش ماھارىتى ئۇنى كەڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەبۇدىسىغا ئايلاندۇرىدۇ. شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئىتىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، مۇنەۋۋەر ئۇسسۇل ئارتىسى، كىنو - تېلېۋىزىيە ئارتىسى ۋە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ناخشا چولپىنىغا ئايلاندى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇ ھازىر جۇڭخۇا مەركىزى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ بىردىن- بىر ئۇيغۇر ئايال ئۇسسۇل ئارتىسى.
