ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاخ تاماقنى ئىلمي ئورۇنلاشتۇرۇش،مۇھىمى ئەتىگەنلىك ناشتىنىڭ سۈپتى ھەم مىقىدارىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.چۈشلۈك تامىقىدا ياڭاق،تۇخۇمغا ئوخشاش يۇقىرى ئەقسىللىق يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ ئىستېمال قىلىش،كەچلىك تامىقىدا ئاسان سىڭىدىغان،مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مېۋە-چىۋە،يېڭى كۆكتات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
2.كۆزنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش،بۇنىڭدا سۈت،ھايۋانات جىگىرى،سەۋزە،پالەك،كەرەپشە،خاسىڭ مېغىزى،پەمىدۇر قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ رولى ئالاھىدە يۇقىرى.
3.ئۈچ ۋاخ تاماققا تايىنپلا بەدەندىكى خورىغان قۇۋۋىتىنى تولۇقلاپ بولغىلى بولمايدۇ،كومپىيوتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغانلار ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغانلار تىپىغا تەۋە بولۇپ،قىلىدىغانلار ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغانالر تىپىغا تەۋە بولۇپ،بۇلاردىمۇ مېڭىنىڭ چارچىشى ئېغىر بولۇش بىلەن بىللە،ئاسانلا نۇرمەنبەلىك ھەزىم ناچارلىق ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ،شۇڭا بۇنداقلار ياڭاق مېغىزى،بادام مېغىزى،كەپتەر گۆشىگە ئوخشاش يۇقىرى ئاقسىللىق،نېرۋىنى،ئاشقازاننى تەڭ قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى ئەھۋالغا قارىتا تەڭشەپ ئىستېمال قىلىپ تۇرۇش پايدىلىقتۇر.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەنبە؛(ئىلمي ئوزۇقلنىش)دېگەن كىتابتىن ئېلىندى
