ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
توڭلىتىش ۋە سوغۇق ساقلاش توڭلاتقۇنىڭ ئاساسىي خىزمتى ھېسابلىنىدۇ . بىز بېلىق ۋە گۆشلەرنى توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش كامېرىغا سېلىپ قويمىز ، توڭلىتىش كامېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە نۆلدىن تۆۋەن 12C بولىدۇ . مېۋە -چېۋە ، كۆكتات ۋە ئاشقان غىزالارنى توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش كامېرىغا سالىمىز ، سوغۇق ساقلاش كامېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 5C ئەتراپىدا بولىدۇ . مۇشۇنداق تىېمپىېراتۇرا كۆپلىگەن باكتېرىيلەرنى مىكروبلارنىڭ كۆپيىشىنى چەكلىمىگە ئۇچراتسسمۇ ، ئەمما بەزى سوغۇقخۇمار باكتېرىيلەر ئۈچۈن مۇۋاپىق تېمىپېراتۇرا ھېسابلىنىدۇ . يېقنىقى يىللاردىن بۇيان ، ياشاش شارائىتىدىكى ئۆزگرىشلەرگە ئەگىشىپ باكتېرىيلەردىمۇ ئۆزگىرىش بولماقتا ، يالغان بىر ھۈجەيرىلىك باكتېرىيلەر ، رەڭسىز تاياقچە باكتېرىيلەر ئائىلسى پەيدا بولۇپ ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىمۇ كۆپىيىۋېرىدىغان بولدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتىتا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيسى ، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسمان شارىك باكتېرىيسى ، سوغۇقخۇمار باكتېرىيلەر ناھايتى جانلىنىپ يېمەكىلىكلەرنى كۆرۈۋالغىلى بولمىغانلىقىتىن ، يېگەندىن كېىيىن ئاشقازان بىئارام بولۇش ، قورساق ئاغرىش ، ئىچ سۈرۈش ، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ . توڭلاتقۇ كېسلى دېگەن ئەنە شۇ . بۇنڭىدىن تاشقىرى ، توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش كامېرىدا پىشىشىق ، خام يېمەكلىكىلەر ئارىلاش قويۇلسا ، ئۇلارنىڭ پۇرىقى ئۆتۈشۈپ كېتىدۇ ، توڭلاتقۇ ۋاقىتىدا تازىلاپ دېزىنفېكسيە قىلىنىمسا ، توڭلاتقۇغا ھەرقانچە يېڭى يېمەكىلىكلەر سېلىپ قويۇلسمۇ چىرىپ بۇزۇلىدۇ . نېتروئۇس كسلاتاسى مېدىتىسىنادا ئورتاق ئېتراپ قىلىنىغان راك پەيدا قىلىدىغان ماددا ھېسابلىنىدۇ ، يېڭى كۆكتاتلاردا نېتروئۇس كىسلاتاسى ناھايتى ئاز بولىدۇ ، توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش كامېرىدىكى كۆكتاتلار سارغايغان چاغدا ، ئۇلاردىكى نېتروئۇس كسلاتاسى بىر نەچچە ئون ھەسسە كۆپىيىپ كېتىدۇ . بىر كېچە ساقلانغان تاماق ، قورمىلاردىمۇ نېتىروئۇس كسلاتاسى ھەسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ . توڭلاتقۇدائۇزاق تۇرغان يېمەكلىكىلەرنى ئستېمال قىلىغاندا ، راك پەيدا بولۇش خەۋپى تۇغۇلىدۇ . دېمەك ، توڭلاتقۇ كاپالەت ساندۇقى ئەمەس .توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش كامېرىغا قويۇلغان يېمەكلىكلەرمڭ بەك ئۇزاق تۇرۇپ كەتسە بولمايدۇ . توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش كامېرىدا قونۇپ قالغان يېمەكىلكلەرنى چوقۇم قىزىتىپ ئستېمال قىلىش لازىم . شۇنداق قىلىغاندا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ خەۋپىنى ئازايتىقىلى بولىدۇ . توڭلاتقۇدىكى نەرىسلەرنى بەك ئۇزاق ساقلايمەن دەپ توڭلاتقۇنى مىكروب ساندۇقىغا ئايلاندۇرۇپ قويمايلى .
ئىز تورى بەك ياخشى
مەنبە..........تۇرمۇش مەسلىھەتچسى ۋە جەۋھەرلىرى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
