app دېتالى
تەۋىسسيەلىك

ياخشى دورا ئۆيىڭىزدە

ۋاقتى:2014-02-07 19:04مەنبە: يوللىغۇچى:مۇھەممەد چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

قۇرۇق مېۋە ـــ ئىنسانلار دائىم ئىستېمال قىلىپ تۇرىدىغان ، ئورگانىزمغا ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق . ئەگەر ئۇ كەم بولسا ئورگانىزىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ ، بەدەننىڭ ھەر قايسى سىستېمىلىرىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ .

ئىز تورى بەك ياخشى


بۇ خىل ئەھۋال ئەتىياز پەسىللىرىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ . چۈنكى بۇ پەسىلدە مېۋە ۋە كۆكتاتلار نىسبەتەن كەمرەك بولغىنى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئىچ مىجەزى قۇرۇق ئىسسىق ھالەتتە بولىدۇ – دە ، دائىم ئىچى قېتىپ قېلىش ، روھسىزلىنىش ، تىت – تىت بولۇش ، ئۇيقۇسىزلىق ، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش ، بەزىلەردە بولسا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش ، ھەتتا يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك سىقلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىياز پەسلىدە باشقا مېۋىلەرنى يەپ تۇرغاندىن باشقا ، سەككىز تال چىلان ، بەش تال ئۆرۈك قېقى ، ئون تال شاپتۇل قېقى ، ئۈچ تال قارا ئۆرۈك قېقى ، بىر سىقىم ئۇرۇقى يوق كۆك ئۈزۈمنى سوغۇق سۇدا پاكىز يۇغاندىن كېيىن ، بىر كىلوگىرام قايناق سۇغا چىلاپ قويۇپ ، بىر سوتكا ئۆتكەندىن كېيىن ھەر كۈنى كەچتە 100 گىرامدىن 150 گرامغىچە ئىستېمال قىلىپ بەرسىڭىز ، قۇرۇق ئىسسىقنى ئېلىپ ، ئاشقازان ، ئۈچەي ،جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەشتىن باشقا ، ئورگانىزملارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئەگەر قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر يۇقىرىدىكىلەرگە بىر گرام ئەتراپىدا كەرەپشە ئۇرۇقىنى قوشۇۋەتسە ، قان بېسىمنى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


مەنبە : ساغلاملىق سوۋغىسى

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس