app دېتالى
تەۋىسسيەلىك

3 ئەرنىڭ تاللىشى

ۋاقتى:2014-02-07 12:28مەنبە: يوللىغۇچى:ئىكرام چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 

www.iz.la

3 ئەرنىڭ تاللىشى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

      ھېكايەت ؛  قەدىمكى گرېتسىيەدە ( يۇناندا ) 3 كىشى ئۆزىنىڭ غايىسىگە ئەڭ لايىق كېلدىغان ھەمراھ تاللاشتا ئارسالدى بولۇپ بىر قارارغا كېلەلمەي ، پەيلاسوپ سوقراتتىن مەسلىھەت سوراپ كەپتۇ . سوقرات ئۇلارغا بىۋاستە جاۋاب بەرمەستىن ، ئۇلارنى بىپايان بۇغدايلىققا باشلاپ كېلىپ مۇنداق دەپتۇ ؛

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  << سىلەر ئېتىزنىڭ بۇ بىشىدىن ئۇ بىشىغا قاراپ ماڭغۇچە ، ئۆزۈڭلار ئەڭ چوڭ دەپ قارىغان باشاقتىن بىردىن ئۈزۈپ كېلىڭلار ، سىلەرگە پەقەت 1 قېتىملىقلا پۇرسەت بېرىمەن ، كەينىڭلارغا يېنىشقا بولمايدۇ . >> دەپتۇ . ئىز تورى بەك ياخشى

  1 - كىشى بۇغدايلىققا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، چوڭ باشاقتىن بىرنى كۆرۈپلا خۇشال بولۇپ ئۈزۈپ ئاپتۇ ، لېكىن ئالدىغا ماڭغانسىرى ، بايىقىدىنمۇ چوڭ باشاقلار ئۇچراپتۇ . ئەمما ، ئۇنىڭ 1 قىتىملىق تاللاش پۇرسىتى ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا ، بۇغدايلىقنىڭ ئۇ بىشىغا پۇشايمان بىلەن چىقىپتۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   2 - كىشى 1 - كىشىدىن ساۋاق ئېلىپ ، بەكرەك تاللاشقا باشلاپتۇ . ھەر بىر چوڭ باشاق ئۇچرىغاندا << ئۈزەي >> دەپ ئويلايدىكەنۇ ، ئەمما << ئالدىمدا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭى ئۇچرارمىكىن . . . >> دەپ ، بىرنىمۇ تاللاپ بولالماي بۇغدايلىقنىڭ ئۇ بىشىغا چىقىپ قېلىپ ، پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇپتۇ .

ئىز تورى بەك ياخشى

  3 - كىشى بۇغدايلىقنىڭ ئۈچتىن بىرىگە كەلگىچە ، چوڭ ، ئوتتۇراھال ، كىچىك باشاقلارنى پەرىقلەندۈرۈپ مېڭىپتۇ . ئېتىزنىڭ كېيىنكى ئۈچتىن بىرى قالغاندا ، ئۆزىنىڭ تاللاش ئۇسۇلىنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرۈپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كۆزۈتۈشىچە ئەڭ چوڭ ، چىرايلىق دەپ قارىغان بىر باشاقنى ئىككىلەنمەيلا ئۈزۈپ ئاپتۇ . بۇ باشاق بۇغدايلىقتىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ چىرايلىق باشاق بولمىسىمۇ ، ئۇ ئۆزىنىڭ تاللىشىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تاماملاپتۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

     ئەمەلىي تۇرمۇشتا ، كىم مۇنداق تاللاش ۋە شاللاشقا دۇچ كەلمەيدۇ دەيسىز ؟ ھاياتلىقتا ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ، ئەڭ چىرايلىق باشاقنى ئۈزگۈچى بولۇشىمىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . ئەمما ، ئۆزىنىڭ تاللىشىنى مەمنۇنىيەتلىك نەتىجە بىلەن تاماملىغۇچىلار كۆپ ئەمەس ، ھەقىقىي مۇۋەپپىقىيەت پەقەت تاللاش باسقۇچىنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىدا ئەقىل ئىشلەتكۈچىلەرگىلا مەنسۇپتۇر .

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

( ئاپتورى ئىدرىس بارات ، مەنبە ............. جوڭگو مىللەرلىرى ژورنىلىدىن) تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ياخشىكەن
(5)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس