ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ پۇت-قوللىرى كۈز ۋە قىش پەسلىدە ئاسانلا يىرىلىدۇ،مېنىڭمۇ پۇت-قوللىرىم ئاسانلا يېرىلاتتى،ھەرخىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللانغان بولساممۇ،پايدا قىلمىغانىدى،بۇ يىل قىشتا يۈز يۇيۇش مەلھىمى(شىميەننەي)نى ئىشلتىپ كۆردۈم،ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىدىكەن، ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك؛ھەركۈنى ئەتىگەندە پايپاق كىيىشتىن ئىلىگىرى يۈز يۇيۇش مەلھىمىنى پۇتقا سۈركەپ،سىڭگەندىن كېيىن پايپاقنى كىيۋالىمىز،ئۇخلاشتىن ئىلىگىرى ئىلمان سۇدا پۇتنى يۇيىمىز،بۇنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسەك جەزمەن ئۈنۈمىنى كۆرەلەيمىز.
قىش پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق ھەم سوغۇق بولغاچقا،قول-پۇت ئاسانلا يېرىلىدۇ،قىشتا كۆكتات،مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئاز يېيىلىدىغانلىقى بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى،دېيىشكە بولىدۇ،بۇرۇن قىش كەلسىلا دادامنىڭ پۇت-قولى يېرىلىپ قانايتتى،تېرە تاشلايتتى،بۇنداق چاغدا دادام بەك ئازبىلىناتتى،كېين ھەركۈنى بىر ئسىتاكان مېۋە سۈيى ئىچىپ بېرىدىغان بولدى،بۇنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ بېرىۋىدى،كېسەللىكى كۆرۈنەرلىك ياخشلاندى،تېرىمۇ تاشلىمايدىغان بولدى، ئۇ ھازىرغىچە مېۋە سۈيى ئىچى شنى داۋاملاشتۇرپ كېلىۋاتىدۇ،پۇت-قولى يېرىلىش كېسەللىكى بار دوستلارنىڭ بۇ ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەنبە؛(كۆرۈنمەس دوختۇر)دېگەن كىتابتن ئېلىندى ئىز تورى www.iz.la
