app دېتالى

گىرىم قىلىشتىتن كېلىپچىقىدىغان كۆز كېسەللىكلىرىدىن پەخەس بولۇڭ

ۋاقتى:2014-02-07 11:06مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

www.iz.la

نۆۋەتتە،بازاردا سېتلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان گىرىم بويۇملىرىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىلىش جەريانىدا ئاز-تولا بولسىمۇ بۇلغىنىش مەسىلىلىرى كۆرۈلۈپ،ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان يوشۇرۇن قاتىل بولۇپ قالدى،شۇڭا بىز تۆۋەندە ئوقۇرمەنلەرگە بولۇپمۇ گىرىم قىلشنى ياخشى كۆردىغان خانىم-قىزلارغا كۆزنى ئاسىراشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز؛ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مۇناسىۋەتلىك كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا،تۆت خىل كۆز كېسەللىكى ۋە كېسەللىكىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ،ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى گىرىم بويۇملىرىنىڭ كۆزگە بولغان غىدىقلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن،شۇڭا بۇ گىرىم قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كۆز كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ.

www.iz.la

مۈڭگۈز پەردە زەمبۇرۇغ كېسىلى؛چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم ئالىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق قاش قەلەمدە ئورغاقسىمان باكتېرىيەنىڭ بارلىقىنى بايقىغان،يېڭى،ئىشلەتمىگەن قاش قەلىمىنىڭ بۇلغىنىش نىسبىتى %1.5بولۇپ،بىراق ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ بۇلغىنىش نىسبىتى تېزدىن ئۆرلەپ%60كە يېتىپ ئون نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىدىكەن،بۇ خىل ئورغاقسىمان باكتېرىيە مۈڭگۈزپەردە زەمبۇرۇغ كېسىلىنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئېغىر بولغاندا ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. ئىز تورى www.iz.la

مۈڭگۈز پەردە كۆيۈپ يارىلىنىش؛قىزدۇرماي بۈدۈر قىلىش سۇيۇقلۇقى ئىشقارلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان پەرداز بويۇمى بولۇپ،ئەگەر ئىشلىتىش جەريانىدا سەللا دىققەت قىلىماي كۆزگە كىرىپ كەتسە،يېنىك بولغاندا مۈڭگۈز پەردىنى كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرىدۇ،ئېغىر بولغاندا كۆز ئالمىسى يىگىلەپ قېلىش،مۈڭگۈز پەردە دۇغلىنىش ھەتتا بۇنىڭ بىلەن كاتاراكتا قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى؛گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا دىققەتسىزلىكىتىن،چاڭ-توزانلىرى ياكى دانچىلىرى كۆزگە كىرىپ كەتسە، كۆزدە ياللۇغلىنىش،قىزىرىپ ئىششىپ قېلىش،ئاغرىش،يورۇقلۇقتىن قورقۇش،كۆزدىن ياش ئېقىش ھەمدە زىيادە سېزىمچان بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى يۈز بېرىشى مۇمكىن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

بىرىكتۈرگۈچى پەردىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ قېلىش؛رەڭلىك گىرىم بويۇملىرىنى يەنى ئەڭلىك،لەۋ سۇرۇخ،قاش قەلەم،ئەتىر قاتارلىقالرنى ئىشلەتكەندە،ئۇلارنىڭ كۆزگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم،بۇلمىسا بىرىكتۈرگۈچى پەردە سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىپ ياكى پىگمېنت ھاسىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خانىم-قىزلار كۆزگە گىرىم قىلىغاندا،ئاۋۋال گىرىم بويۇملىرىنىڭ كۆزنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم،گىرىم قىلىش  ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كىچىك چوتكىلار ئۇزۇن مۇددەت گىرىم قۇتىلىرىدا تۇرماسلىقى،ئايرىم قويۇش ھەمدە قۇتىنىڭ پاكىز بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قلىش،قەرەللىك ھالدا ئسىپىرت بىلەن سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش،ئۇنىڭدىن باشقا يۈزگە ئۇپا سۈركىگەندە ئۇپا دانچىلىرىنىڭ كۆز كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،كۆزنى يۇمۇۋېلىش لازىم.ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن گىرىم بويۇملىرى كۆزگە كىرىپ كەتسە،پاكىز سۇدا قايتا-قايتا يۇيۇش،ئەگەر يەنىلا بىئارام بولسا ياكى ئاغرىش پەسەيمىسە،دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈش لازىم.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

مەنبە؛(گۈزەللىك سوۋغىسى)دېگەن كىتابتىن ئېلىندى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(2)
66.7%
ئالقىشلايمەن
(1)
33.3%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس