ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
<< بىر كىتابنىڭ باھاسى بىلەن بىر بوتولكا ھاراقنىڭ باھاسى ئوخشاش بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قىممىتى ۋە ئۈنىمى ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، ھاراق ئادەمنى خۇشخۇي قىلىپ ۋاقىتلىق ساختا ھۇزۇر پەيدا قىلىدۇ، كىتاب بولسا، كىشلەرنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى، تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ، مەڭگۈلۈك تەسىر ۋە ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ. شۇڭا پۇل خەجلەپ مەستلىكنى سېتىۋالغاندىن كۆرە، ئەقىل - ئىدراك سېتقۋالغان تۈزۈك >>. مانا بۇ مەلۇم بىر خەنزۇچە قاتتىق تاشلىق كىتاپنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلغان ھىكمەتلىك سۆز. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
كىتاب - ئىنسانلار ھاياتىدىكى بىباھا گۆھەر، ئۇ ئىنسانلار تۇرمۇش، سەرگۈزەشتىللىرى، مۇۋاپىقىيەت ۋە تەجىربە - ساۋاقلىرىنىڭ يازما خاتىرسى. نۆۋىتى كەلگەندە بىر كىتاب بىر ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشىنى، روھى دۇنياسىنى، ياشاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. بىر ئالىمنىڭ يېتىلىپ چىقىشى، بىر مىللەتنىڭ تونۇلىشى كىتابتىن ئايرىلالمايدۇ. تارىختا ئۆتكەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەخمۇد قەشقىرىگە ئوخشاش ھەشھۇر ئالىملار پۈتۈن ھاياتى، پۈتۈن زىھنى قۇۋۋىتى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ، دۇنياغا مەشھۇر بولغان << قۇتادغۇبىلىك >>، << تۈركى تىللار دىۋانى >> نى يېزىپ قالدۇرغاچقا، ئۇلار مىللەتنى تۇنۇتتى، ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى قىلچە ئايىماي كىيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇردى. ئۇلارنىڭ نامى ئۆچمىدى.
copyright by www.iz.la
دۇنيادا ھوزۇرلىنىدىغان، ئىستىتىك زوق ئالىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. ئەمما قىسمەنلىرىمىز كۆپىنچە ھاللاردا ھاراقتىن ھوزۇرلىنىشنى، ھاراق ئارقىلىق ئىچ - پۇشىقىمىزنى چىقىرىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىۋالىمىز. ئاددىسى، دەم ئېلىش كۈنلىرى بىرنەچچەيلەن بىرگە بازارغا كىرگەندە كىتابخانىغا كىرىشنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايمىز. ناۋادا كىتابخانا ئالدىغا كەلگەندە ئارىمىزدىن بىرەيلەن كىتابخانىغا كىرىپ چىقاي دىسە، بىللە كىرەيلى دىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، << بەش مىنۇت ئىچىدە كىرىپ چىق >> دەپ ۋاقىت بەلگىلەپ، ئىنتايىن جىلە بولغان ھالدا ساخلاپ تۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇياقتىن - بۇياققا بىر ئايلانغاندىن كىيىن، ئارىمىزدا بىرەيلەننىڭ مەردلەرچە << بىرەر يەرنى تېپىپ ئولتۇرمايمىزمۇ >> دىيىشىنى تەمە قىلىمىز. رېستۇران ياكى مەيخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ھەممەيلەن خۇددى گۈزەل قىزلارغا سەپ سالغاندەك ئۇنىڭ ۋىۋىسكىسىغا قارايمىز. قانداقتۇر ساختا بىر غايىۋى كۈچ بىزنى ئۆزىگە تارتىۋاتقاندەك ھىس قىلىمىز _ دە، ھىچ ئىكىلەنمەيلا كىرىپ ھاراق ئىچىشنى باشلاپ كېتىمىز. ئەمما ھىچقاچان << بىر يەرنى تېپ ئولتۇرمايلىمۇ >> دەپ بىرەر قىرائەتخانا ياكى كۈتۈپخانىغا توپلىشىپ كىرىپ، بىرەر كىتاب ياكى ماقالە ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشنى خالىمايمىز. ئەگەر بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردىن << بە شەھەردىكى پالانچى رېستۇران قايەردە؟ >> دەپ سورالسا دەرھال جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما << بۇ شەھەردە پالانچى كىتابخانا قايەردە؟ >> دەپ سورالسا تۇلۇق جاۋاپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن << مەن ئاخشام بىر پارچە ماقالە ئوقۇپ قانائەت تاپتىم >> دىگەن گەپنى ئاڭلىيالمايمىز. ئەمما << ئاخشام بىر بوتولكا ھاراق ئىچىپ مەس بولمۇدۇم >> دىگەن گەپنى خېلى كۆپ ئاڭلاپ تۇرىمىز. مىھمان ئۆيدە زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ ياخشى گېزىت - ژورناللار ئالدىن تەييانلاپ قويۇلمايدۇ، ئەمما مەي شاراپ ھەر ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. قىسقىسى، ھاراقنىڭ سېھرى كۈچى كىتابنى بېسىپ چۈشكەشكە، ھاراقنىڭ سېتىلىش نىسپىتى كىتابتىن نەچچە ھەسە ئېشىپ كەتكەن. ھاراققا بېرىلىش نەتىجىسىدە بەزىلەر ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلۋاتقانلىقىنى ئۇقالمايدىغان، ئۆزىنى، ھەتتا خوتۇن - باللىرىنى تۇنىيالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. ھاراقنى ئىزچىل دوست تۇتۇپ كەلگەن بەزى يىگىتلىرىمىزنىڭ ئالدى بىر ئۆي - زىمىن ئالغۇدەك، كەينى ئۆيلەنگۈدەك پۇلنى ھاراققا سەرىپ قىلىپ بولدى، لىكىن، ئۇلار تا ھازىرغىچە مەن شۇنچە يىل ھاراق ئىچىپ نىمىگە ئېرىشتىم دىگەننى ئويلاپ باققىنى يوق.
ئىلىمىزدە باج كىرىمىنىڭ بىر قىسمى ھاراق - تاماكىدىن كېلىدىغانلىقى ئەمەلىيەت. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي ئەمەلىيىتى، دۆلەت ئەھۋالى، بولۇپمۇ پۇقرالارنىڭ ئىستىمال رايى ۋە قىزىقىشى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. ئەينى ۋاقىتتا ياپۇنىيىنىڭ ئەھۋالىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيتى، ئۇلار ھاراق، جاڭيو دۆلىتى دەپ ئاتىلاتتى. پەقەت 1884 - يىلىدىن باشلاپ تەرەققى قىلدى. ئۇلار غارىق سودىگەرلىرىنى، ھاراق توڭلىرىنى ھۆرمەت قىلىشتىن بىلىمنى، ئىختىساس ئىگىللىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا ئۆتتى. ئۇلار << مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرەيلى >> دىگەن شۇئارنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىش ھەمدە ئىچىملىكتىن تاپقان باج كىرىمنى مائارىپقا سەرىپ قىلىش نەتىجىسىدە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ < 20 - ئەسىر > بېشىدىلا زور ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئەمما ھازىر بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا قارايدىغان بولساق، تەتقىت قىلىش، ئىجاد قىلىش ئەمەس، ھەتتا كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىلىم ئىگەللەش تۇلۇق ئەمەلىيلەشمىدى. بەزى ئادەملىرىمىزنىڭ ئادەم جىق يەرگە كېلىپ ياپۇنىيىدە ئىشلەنگەن يانفۇن بىلەن مەغرۇر قىياپەتتە رېستۇرانغا جوزا زاكاز قىلىۋاتقان غالىتىنى كۆرىمىز. ئاشۇ يانفۇننىڭ ئاۋاز ئىلمىدىن، يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسىدىن قانداق قوللىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاممىباب تېخنىكىنى بىلىپ قويۇشنى خالىماي، پەقەت قانداق يەپ - ئىچىشتىنلا قانائەت تاپتى. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئىسلاھات ئېقىمىدىن، تۈرلۈك فاڭجىن، سىياسەتلىرىدىن، خەلق رايىدىن شۇنداق بىشارەت چىقىپ تۇرۇدۇكى، بۇ ئەسىر ھەرگىزمۇ شاراب روھى بىلەن قاپلانغان ھاراق دەۋرى، نادانلار دەۋرى ئەمەس، بەلكى ئىلىكتۇرۇن دەۋرى، كومپىيوتىر دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرى، تىل ئۆگۈنۈش ۋە كىتاب ئوقۇش دەۋرىدۇر. مۇشۇنداق ھەممە ئۈمىدكە تولغان ئەسىردە، كىتاب ئوقۇپ ئىلىم ئۆگىنەيلى.
