ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ياخشى قوشنىغا ئېرىشكەن ئادەم خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ ، يامان قوشنىغا يولۇققان ئادەم كۈلپەتكە پاتىدۇ ، خاتىرجەملىكنى يوقىتىدۇ .يامان قوشنىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى كۆچۈپ كېتىش بولىدۇ . قوشنىلار قورساقنى كەڭ تۇتقۇلۇق ، قوشنىلار ياخشى كۈن كۆرسە خۇرسەن بولغۇلۇق ، كۆرەلمەسلىك ، ھەسەت ئوتلىرىنى پەزىلەت سۈيى بىلەن ئۆزۈرۈپ ، ئۆزىنىڭك تۇرمۇشىغا قانائەت قىلغۇلۇق ، قوشنىلارغا كۆز-كۆز قىلىشتىن ساقلىنىش ، تەكەببۇرلۇق قىلماسلىق ،چوڭلىق تالاشماسلىق ، تۆر تالاشماسلىق ، يول قويۇشنى بىلىش كېرەك . باي بولسا قۇلچىلىق قىلىش ،نامرات بولسا كۆزگە ئىلماسلىق ئەخلاقسىزلىق ، غۇرۇرسىزلىق بولىدۇ ، ئۆزىڭگە سوقۇشتۇرۇش ھەم كۆڭۈلسىزلىكلەرگە سەۋەب بولىدۇ .قوشنىدارچىلىق ئىشىدا قائىدە -يوسۇنلىرىمىزغا رىئايە قىلىش، قائىدە -يوسۇنلىرىمىز قوشىندارچىلىق مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ . ئائىلىگە خاتىرجەملىك ،خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ .ئىناقلىق دېگەن ھەممە كىشىنىڭ ئارزۇسىغۇ !
مەنبە ؛ قائىدە يوسۇنلىرىمىز www.iz.la
