ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
كۆرەش، كۆرەش دەپ دائىما تىرىشىپ تۇرساق، بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
ھەر قەدەمدە كونا تۇرمۇش بىلەن ئېلىشىپ تۇرساق،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
جاھانگىرلار يەر يۈزىدە تامام يوقالسا ،
مەزلۇم ئەللەر يېڭى ھاياتتىن كەڭ يول ئالسا.
زادى تۈگىمەس سائادەتكە قەدەم قويسا،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى ،
ئۆمەكلىشىپ مەزلۇملار بىلەن ئىشلىسەك ،
ھەقىقەت يېڭى يولغا راسىت كىرىشسەك.
باراۋەرلىك ئۇللىرىنى مەھكەم قۇرساق،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يوقسۇل ، مىسكىنلەر ئەمدى تارتمىسا مۇشەققەت،
<<ئاھ.....نەيلەي، قىسىلدىمغۇ>> دېمىسە پەقەت.
ئازادلىقتىن شۇلارغا ياغسا مېھرى-شەپقەت، ئىز تورى www.iz.la
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئېلىمىزدە ئىلىم -مەرىپەت تېشىپ تۇرسا،
دولقۇنلاپ ئۆزىمىزدىن ئېشىپ تۇرسا،
خائىنلارنىڭ يوللىرى كېسىلىپ تۇرسا،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
ھەر بىر يەردە زاۋۇت - فابىرىكا ۋارقىراپ تۇرسا،
تۆمۈر يولدا ئوت ھارۋىلار جارقىراپ تۇرسا،
ھاۋا قۇشلىرى ئۈستىمىزدە غاقىراپ تۇرسا،
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
قەھىرىمان ياشلار ئەمدى تەييار تۇرسا،
قەھىرىمانلارچە ھەر بىر ئىشتا ھۇشيار تۇرسا،
قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغىمۇ چىراغلار يېقىلسا،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەسكى تۇرمۇش ھەر قەدەمدە ۋەيران بولسا،
ئىستىبداتچى قارا كۈچلەر گۇمران بولسا،
ئوقۇمىغان نادانلار ئەمدى ئىنسان بولسا،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
گوروھ -گوروھ زىيالىلار قىلسا خىزمەت،
ھەر بىر ئېغىر ئىشلارغا قىلسا جۈرئەت،
پۈكسە كۆڭلىگە دائىما توغرا نىيەت،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.
مىللەتچىلىك يىلتىزىنى يۇلۇپ تۇرساق،
ھەقىقەت دەپ مەيدىمىزنى كىرىپ تۇرساق،
جوڭگۇنىڭ ئازادچى ئەللىرى بولساق،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھەر بىر ئىشتا ئەل خىزمىتىگە ئاساسلانساق،
قۇرۇپ تېخنىكا، ئېغىر ئىشنى ئاسانلاتساق،
تەرەققىيات يولىدا ئەزىز جاننى ئاتىساق، ئىز تورى www.iz.la
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
مۇتەللىپ ، سەن ھەقىقەتنى تارتىنماي سۆزلە،
غەيرەت بىلەن قۇزغۇنلار يوللىرىنى تورا،
بۇ يولدا ۋارقىرا، ھەيۋەتلىك قورقمەي<<ھۇررا>>، ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1938-يىلى ئاپرىل، غۇلجا.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى)
www.iz.la
