ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
چوڭ شەھەرلەردىكى نۇرغۇن ئېگىز بىنالارغا لىفىت ئورنتىلىغان . كىشلەر كۈنۇپكىنى بېسىپ قويسلا ، لىفىت ئاپتوماتىك ھەرىكەتلىنىدۇ ، ئۇنڭىدا بىناغا ھەم تېز ، ھەم كۈچمەي چىققىلى بولىدۇ . لىفىتىنىڭ ئاپتوماتىك ھەرىكەتلىنىشىدىكى سەۋەب شۇكى ، لىفىتىقا ئاپتوماتىك ھەرىكەتلىنىشىدىكى سەۋەب شۇكى ، لىفىتىقا مىكرو كومپىيۇتېرلىق كونتروللىغۇچ ئورنتلىغان ، ئۇنڭىغا ئالدىن تۈزۈپ تەييارلانغان كونترول قىلىش پروگراممىسى كىرگۈزۈلگەن ، ئۇ ئادەمىنىڭ تەپەككۇرىغا تەقلىد قىلىغان ھالدا خىزمەت قىلالايدۇ . لىفىت خىزمەت قىلىغاندا ، مىكرو كومپىيۇتېرلىق كونتروىلىغۇچ لىفىت ئىچى ۋە ھەرقايسى قەۋەتتىكى يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەل ۋاقىتىدا قوبۇل قىلالايدۇ ، شۇنڭىغا ئاساسەن ، لىفىتىنىڭ يۇقىرى _تۆۋەن ھەرىكەتلىنىشىگە قوماندانلىق قىلىدۇ . لىفىت يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشتە ، ئىشك يېپلىشىىتىن بۇرۇن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كەتكەن _كەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ . ئەگەر ئېغىرلىق ئېشىپ كەتسە دەرھال سىگىنال بېرىپ ، كېىيىن چىققاندىن چىققان كىشلەرنى لىفىتىتىن چۈشۈپ كېتىشىكە ئاگاھلاندۇرىدۇ ، ئېغىرلىق نورماللاشقاندىلا لىفىت ئىشكىنى يېپىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ . لىفىت يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋېتىپ ، ھەربىر قەۋەتكە كەلگەندە چۈشدىغانلارنىڭ ۋە چىقىدىغانلارنىڭ بار _يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ . ئەگەر بار بولۇپ قالسا توختايدۇ ، بولمسا ، توختىماي ئۈستۈنكى قەۋەتكە كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ . لىفىت پەپسكە چۈشكىچىمۇ ئاساسەن يۇقىرىقىدەك خىزمەت قىلىدۇ . مىكرو كومپىيۇتېرلىق كونتروللىغۇچ لىفىتىنىڭ ئاپتوماتىك ھەرىكەت قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ . ئۇ لىفىت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ۋاقىتىدا قوبۇل قىلىپ ، لىفىتىنىڭ بىخەتەر ، ئوڭۇشلۇق ھەرىكەتلىنىشىگە قوماندانلىق قىلىپ ، كېچە _كۈندۈز مۇلازىمەت قىلىدۇ .
مەنبە...........يۈز مېڭلىغان نېمە ئۈچۈن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
