app دېتالى
تەۋىسسيەلىك

كومپىيۇتېر قايسى قىسملاردىن تۈزۈلگەن

ۋاقتى:2014-02-05 13:52مەنبە: يوللىغۇچى:مىرزاتجان چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 كومپىيۇتېر ئاساسەن ساقلىغۇچ ، ھېسابلىغۇچ ، كونتروللىغۇچ كىرگۈزۈش ئۈسكۈنسى ۋە چىقىرىش ئۈسكۈنسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ copyright by www.iz.la

قىسمىدىن تۈزۈلگەن . ساقلىغۇچ كومپىيۇتېرنىڭ ئۇچۇر ساقلاش ئورنى بولۇپ ، ھەر خىل پىروگرامما ، سانلىق مەلۇمات ، ھېسابلاش نەتجىسى قاتارلىق كومپىيۇتېرغا لازىمىلىق ئۇچۇرلارنى ساقلايدۇ . ھېسابلىغۇچ نىڭ رولى ھېسابلاشتۇر . كونتروللغۇچ بولسا كىشلەر كىرگۈزگەن پروگرامما بۇيرۇقىغا ئاساسەن ، كومپىيۇتېردىكى ھەرقايسى قىسمىلارنىڭ خىزمتىنى باشقۇرىدۇ ، كونترول قىلىدۇ ۋە ماسىلاشتۇرىدۇ . كومپىيۇتېرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسى يۇقىرىقى ئۈچ قسىمدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ . ھېسابلىغۇچ بىلەن كونتروللىغۇچ نەچچە ملىيون مىكرو ئېلېكىترونلۇق دېتالنى   ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر دانە كىچىك كرېمنىي پارچىسغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، ئۇ ئۆزەك ياكى مەركىزىي بىرتەرەپ قىلىغۇچ دەپ ئاتلىدۇ . ئۇ كومپىيۇتېرنىڭ ئەڭ مۇھىم قسىمى ، شۇنداقلا كومپىيۇتېرنىڭ چوڭ مېڭسى . كۇنۇپكا تاختسى ۋە مائۇس قاتارلىق كىرگۈزۈش ئۈسكۈنلىرى سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزەلەيدۇ ، بۇ خۇددى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى چوڭ مېڭىمىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەنگە ئوخشاش . پرنىتېر ، ئېكىران قاتارلىق چىقىرىش ئۈسكۈنلىرى ھېسابلاش نەتجسىنى چىقىرىپ كۆرىستىپ بېرىدۇ ، بۇلار مېڭىمىزدىكى تەپەككۇرنى ئاغزىمىز ئارقىلىق سۆزلىگەنگە ، قولمىز ئارقىلىق يازغانغا ئوخششىدۇ . كىرگۈزۈش ، چىقىرىش ئۈسكۈنلىرى ئادەتتە كومپىيۇتېر ئاساسىي ماشىىنىنىڭ سىرتىغا ئورنتىلىدۇ ، شۇڭا ئۇلار كومپىيۇتېرنىڭ سىرتقى ئۈسكۈنلىرى دەپ ئاتلىدۇ . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

مەنبە..................يۈز مېڭلىغان نېمە ئۈچۈن

www.iz.la

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس