ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بەلفۇئە دوكتور روھىي ئوزۇقلاندۇرۇشقىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن،ئۇ بەدەن ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولغاندەك،روھمۇ ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ دەيدۇ،خۇددى ئاشقازانغا ياخشى يېمەكلىكلەرنى تاللىغانغا ئوخشاش،چوڭ مېڭىگىمۇ ياخشى ئىدىيۋى ئوزۇقلۇقلارنى تاللاش كېرەك،بالىلارغا ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان بىلىملەرنى،خۇددى بالىلارغا ئوزۇقلۇقى مول،ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى بەرگەنگە ئوخشاش،ئۇلار ئاسان چۈشىنىدىغان،پايدىلىق بىلىملەرنى تاللاپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك،بىلىم روھىي ئوزۇقلۇقتۇر،بالىغا توغرا بىلىملەرنى ئۆگەتمەي،ئۇلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەرەقىقياتىنى ئارزۇلاش،خۇددى ياغاچچىغا كەتمەن سوقتۇرغاندەك ئورۇنسىز ئىش.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بالىلارغا بىلىم ئۆگىتىش ئۈچۈن،بەلفۇئە دوكتور تاماق ۋە ئويناش ۋاقتىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان،ئۇنىڭ ئۇسۇلى،بالىغا دائىم مۇۋاپىق تېما تاللاپ،ئاممىباب،چۈشىنىشلىك تىللار بىلەن سۆزلەپ بەرگەن،يەنە ئۇلارنى سوئال سوراشقا ئىلھاملاندۇرغان،شۇنىڭ بىلەن بىرگە،بالىدىن قايتۇرۇپ سورىغان،مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن بەلفۇئە دوكتور بالىسىغا تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگەتكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارغا تاللاپ بېرىدىغان تېمىسى داستىخاندىكى يېمەكلىكلەر،يەنى گېزىتلەردىكى خەۋەرلەر،ئەتراپتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر،يەنە يېقىندا كىتابتا كۆرگەن بىلىملەر بولغان،بۇنىڭ بىلەن بالىسىنىڭ بىلىمىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ،ئۇنىڭدا قىزغىنلىق بىلەن بىلىمگە ئىنتىلىش ئادىتى يېتىلدۈرۈگەن،نەتىجىدە بالسىمۇ كىتابنى خۇشال ئوقۇغان،كىتابقا مېھرى چۈشكەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بالىنى روھىي ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ،بەلفۇئە دوكتور مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئۇدۇلىدا بىر ئىشچى خىزمەت قىلاتتى،يېقىن دوستلاردىن ئىدۇق،ئۇ بىر كۈنى ماڭا كۆڭلىدىكى بىر ئىشنى دەپ بەردى،ئۇ ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر بالىسىنىڭ بارلىقىنى،ئۆگىنىشنىڭ بەك ناچارلىقىنى،بۇنىڭدىن ناھايىتى غەمدە قالغانلىقىنى ئېيتتى،ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن دەرھال مەكتەپكە بېرىپ،ئۇ بالىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىۋالدىم،ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەقىقەتەن ناچار ئىكەن،بۇ قېتىم سىنىپ قالغۇدەك،بىلەن دوستلۇق ئورناتتىم،تەتىل مەزگىلىدە،مەن ئۇنى ئالاھىدە تەربىيلىدىم،ئەھۋال ناھايىتى تېز ياخشىلاندى.9-ئايغا كەلگەندە،ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈپ،مەكتەپنى غەلبىلىك پۈتكۈزدى.كېيىن ئۇ تېخى قانۇنچىلىق مەكتىپىگە كىردى ھەممە مەكتەپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتكۈزدى،ھازىر ئۇ قالتىس ئادۋوكات بولۇپ قالدى،قانۇنغا پىششىق بولۇپلا قالماستىن،ئۇسلۇبىمۇ ياخشى بولۇپ،ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئەخلاقلىق ئادەم بولدى. ئىز تورى www.iz.la
بەلفۇئە دوكتور بالىلارنىڭ ۋاقتىنىڭ دائىم بىكارغا ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى،بۇنىڭ ناھايىتى چاتاق ئىش ئىكەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ،بالىنىڭ ۋاقتىنى بىكارغا ئۆتكۈزۋەتسە بالا ھېچقانداق نەرسىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن،ئەكىسچە چوقۇم زىيان تارتىدۇ.شۇڭلاشقا،ئۇ ئاتا-ئانىلارغا،بالىسىنى چوقۇم ياخشى نازارەت قىلىشى،بالىسى ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كېرەك دەپ ئەسكەرتىدۇ.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مەنبە؛(خارۋاد تالانتلىقلىرى)دېگەن كىتابتىن ئېلىندى
www.iz.la
