app دېتالى
تەۋىسسيەلىك

نىكاھ-ئىنتايىن ئاجىز بولغان ئېكولوگىيىلىك سىستېما

ۋاقتى:2014-02-05 10:55مەنبە: يوللىغۇچى:جەۋھەر چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

ئىز تورى بەك ياخشى


ئامېرىكا MSNتور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نىكاھنى مۇقىم ساقلاپ قېلىشتىكى ئاساسلىق مەسىلە ئارتۇقچە رومانتىكلىك ئەمەس ئىكەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەسىلە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھالدا «ناھايىتى ئاددىي» بولغان كىچىك ئىش-ھەرىكەتلەر بولۇپ، بۇلار قارىماققا ئاددىي كۆرىنىدىغان ئىشلار بولسىمۇ، ئەمما نىكاھنى ئۇزۇنغىچە مۇقىم ساقلاپ قالالايدىكەن. تۆۋەندىكىسى نىكاھ مۇتەخەسىسلىرى خۇلاسىلەپ چىققان، نىكاھنى مۇقىم ساقلاپ قېلىش ھەققدىىكى سەككىز تەكلىپ، نىكاھىڭىزنىڭ بەختلىك بولىشى ئۈچۈن، بۇنىمۇ سىناپ كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدۇ. ئىز تورى www.iz.la

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


1. قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىش خىيالىدا بولماڭ
بەلكىم قارشى تەرەپنىڭ سىز ياقتۇرمايدىغان نۇرغۇن ئادەتلىرى بولىشى مۇمكىن، بەزىدە ئۇ سىزگە زىيادە ھورۇندەك كۆرىنىشى مۇمكىن، چېچىلاڭغۇلۇق قېلىپ نەرسە-كېرەكلىرىنى قالايمىقان تاشلاپ ئۆينى قالايمىقان قىلىۋىتىشى مۇمكىن. بۇلار چوڭ مەسىلە ئەمەس، قارشى تەرەپ بىلەن يېقىن ئۆتمەكچى بولسىڭىز شۇنداقلا تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەختلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەنسىز، كىچىك ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي، قارشى تەرەپ چۈشىنىشكە تىرىشىڭ، ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپنىڭ خاراكتېرىنى، ئادىتىنى ئۆزگەرتىش خىيالىدا بولماڭ، بەلكى ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆپرەك بايقاشقا تىرىشىڭ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2. سۆز قىلىش ئۇسۇلىڭىز ھەممىنى بەلگىلەيدۇ
مەيلى قارشى تەرەپنى نېمە قىلغۇزۇشنى ئويلىغان بولۇڭ، قارشى تەرەپ شۇ ئىشنى قىلغاندىن كېيىن ماختاشقا سازاۋەر بولالايدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ، ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. سىز نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ، ئەمما ئېرىشكىڭىز يوق نەرسىنى بىلدۈرمەڭ. مەسىلەن: سىز «مەن سىزنىڭ ھەممە ئىشلارنى ئالدىن پىلانلىۋىلىشىڭىزغا بەك ئۆچ» دىمەستىن، بەلكى «سىز بىلەن مەقسەتسىز ھالدا پۈتۈن بىر كۈننى ئۆتكۈزگۈم بار» دەپ باقسىڭىز بولىدۇ.
copyright by www.iz.la

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


3. ھەركۈنى ئاكتىپلىق بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىڭ
قارشى تەرەپكە نىسبەتەن ئىنتايىن ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردە بولۇپ، بۇ ئەر-ئاياللار ئارىسىدا دائىم ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان ئىش. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ھەربىر جۈپ بەختلىك ئەر-ئايالنىڭ ھەركۈنى ئاز دىگەندىمۇ ئىنتايىن ئاكتىپ ھالىتىدىن 20 سى بولىدىكەن. مەسىلەن ئۇچراتقان ياخشى نەرسىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش، بىر-بىرىنى ماختاش، ئىنتايىن مۇلايىملىق بىلەن قارشى تەرەپنى سىلاپ قويۇش قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن پاسسىپ ھالەتتىكى دەقىقەلەرنى يوق قىلالايدىغان ھەرىكەتلەر ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا ھەركۈنى ئاز دىگەندىمۇ قارشى تەرەپنى ئاكتىپ ھالغا ئۆتكۈزەلەيدىغان سۆز-ھەرىكەتتىن ئۈچنى قىلىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، ئۇنىڭغا «سىز بىر ياخشى دادا» دىمەستىن، «سىز قىزىڭىزنىڭ سىرلىق قەلئە ئويۇنى ئوينىشىغا ياردەم بېرىدىغان ياخشى دادا» دەپ، نېمە ئۈچۈن ياخشى دادا ئىكەنلىكىنى ئېيتىڭ. چۈنكى بۇنداق كىچىك ئىشلارغا ئەرلەرگە نىسبەتەن زور سەۋىر-تاقەت كېتىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى


بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


4. ئۆتكەن ئىشلارنى بىرلىكتە ئەسلەڭ
خوشال-خورام ئۆتىدىغان ئاشىق-مەشۇقلار دائىم كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتۇپ، كۆڭۈللۈك سەرگۈزەشتلىرىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ئۈچۈن پەقەت كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلىرىنىلا ساقلاپ قالىدۇ. شۇڭا سىزمۇ كۆڭۈللۈك نىكاھ تۇرمۇشى ئۈچۈن دائىم بىللە ئۆتكۈزگەن گۈزەل دەقىقەلەرنى بىرلىكتە ئەسلەپ تۇرۇشقا تىرىشىڭ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

5. «دۈشمەن» لەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشتىن ساقلىنىڭ
نۇرغۇن كىشىلەر بىر قىسىم يېقىنلىرىنىڭ ئۆزى تەرەپتە تۇرىشىنى، ئۆزىنى قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا سىزمۇ ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇ ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان كىشىلەر «تەرەپدارى» بولۇپ قالماڭ. مەسىلەن ئۇ خوجايىنى سەۋەبلىك ئاچچىقلىنىپ، ئۇنىڭ خاتا قىلغانلىقىدىن ئاغرىنىۋاتقاندا، سىز ھەرگىزمۇ «بەلكىم سىز زور تىرىشچانلىق كۆرسىتەلمىگەنسىز» دىمەڭ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇ باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا موھتاج ۋاقىت، سىزنىڭ ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ، «سىز جاپا چېكىۋاتىسىز، سىزنىڭ پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىشىڭىز كېرەك. بەختلىك ئەر-ئاياللار ھەرقانداق ئىشتا بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇشنى بىلىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


6. بەك بىخەتەر ھېس قىلىپ كەتمەڭ
بىخەتەر مۇناسىۋەت ھاسىل قىلغانلىق، خالىغىنىڭىزنى قىلسىڭىز بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىڭىز كېرەك، چۈنكى نىكاھ مۇناسىۋىتى دىگەن ئىنتايىن نازۇك ۋە ئىنتايىن ئاجىز بولغان ئېكولوگىيىلىك سىستېما، مانا بۇ ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن %50 بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. بەختلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتقان ئەر-ئاياللار دائىم مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتلىرىدەك كۆرۈشۈشكە چىقىپ، تۇرمۇشىغا يېڭى-يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ تۇرىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
7. قارشى تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىڭ
خوشال، كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتقان ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى قارشى تەرەپنىڭ نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىشكە ماھىر كېلىدىكەن. مەسىلەن، سىز بازارغا چىقماقچى بولغاندا، ئۇ مەقسەتسىزلا ئۆزىنىڭ مېۋە تەملىك كەمپۇتلارنى يىمىگىنىگە ئۇزۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالسا، ئۇنىڭغا ئازراق مېۋە تەملىك كەمپۇت ئالغاچ كېلىپ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]


8. كىچىك ئىشلار ئارقىلىق مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەڭ
نىكاھتا پەقەت چوڭ ئىشلارغىلا ئېسىۋىلىشقا بولمايدۇ، نىكاھ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەم قىلىشتا، ئەڭ مۇھىمى تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن، ئۇنىڭ كەيپىياتى ناچار ۋاقىتتا، ئۇ ئامراق تاماقلارنى ئېتىپ بېرىڭ، بىرەيلەننىڭ قۇچاقلاپ قويىشىغا موھتاج بولغاندا، باغرىڭىزنى ئېچىڭ، ئاچچىقلاپ قالغاندا، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇڭ. نىكاھ ئىشەنچ، چۈشىنىش ۋە قوللاشنىڭ مۇجەسسەمى، مانا بۇ ھەقىقىي مۇھەببەتتۇر.

copyright by www.iz.la

مەنبە؛ نۇر تورى

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس