app دېتالى
تەۋىسسيەلىك

فاكس ئاپپاراتى نېمە ئۈچۈن يېزىق ۋە سۈرەت يوللىيالايدۇ

ۋاقتى:2014-02-04 16:00مەنبە: يوللىغۇچى:palwan0998 چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

كۆپچىلىككە مەلۇم ، فاكىس ئاپپاراتى تېلېفون يولى ئارقىلىق يېزىق ، سۈرەت ، جەدۋەل قاتارلىق ماتېرىياللارنى يوللىيالايدۇ ، قارشى تەرەپ نەچچە ئون سېكۇنتىتىلا ئەسلىدىكى ئورىگىنالغا ئوپمۇ ئوخشاش كۆپەيتىلىگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋالالايدۇ . فاكىس ئاپپاراتى نېمە ئۈچۈن ماتېرىياللارنى بۇنچە ئەينەن ئەۋەتەلەيدۇ ؟ يېزىق جەدۋەل ياكى سۈرەتلەرنى كۆزەتسىڭىز ، ھەممسىنىڭ سانىسزلغان قېنىق ياكى سۇس كىچىك رەڭلىك چېكتىلەردىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى بايقىيالايسىز . فاكس ئاپپاراتى بۇنداق چېكتىلەرنىڭ رەڭگىنى پەرەقلەندۈرەلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنى چوڭ _كىچىكىلىكى ئوخشاش بولمىغان ئېلېكىتر سىگىنالغا ئايلاندۇرۇپ ، تېلېفون سىمى ئارقىلىق يوللاپ بېرەلەيدۇ . مەسىلەن ، ئۇ قارا چېكتىنى ئاجىز ئېلېكىتر ئېقىمى قىلىپ ، ئاق چېكتىنى ئاجىز ئېلېكىتر ئېقىمى قىلىپ ، كۈل رەڭ چېكتىنى ئوتتۇراھال ئېلېكىتر ئېقىمى قىلىپ يوللاپ بېرىدۇ . قارشى تەرەپنىڭ فاكس ئاپپاراتى بۇنداق ئېلېكىتر سىگىنالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېىيىن ، ئۇنى ئۆزگەرتىپ ، سۈرەت سىگىنالغا ئايلاندۇرىدۇ . مەسىلەن ، ئۇ قوبۇل قىلغان كۈچلۈك ئېلېكىتر ئېقىمىنى قارا چېكىت ، ئاجىز ئېلېكىتر ئېقىمىنى ئاق چېكىت ، ئوتتۇراھال ئېلېكىتر ئېقىمىنى كۈل رەڭ چېكىت قىلىپ خاتىرىلەيدۇ . شۇنداق قىلىپ ، بىر پارچە فاكىس سۈرەت كوپىيە قىلىنىدۇ . فاكس يوللاش ۋە قوبۇل قىلىش جەريانىدا ، قوبۇل قىلىنغان ، يوللانغان ئېلېكىتر سىگىنالىنىڭ ھەممسى كۈچەيتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . ئۇنڭىدىن باشقا ، ئىككى تەرەپىنىڭ  فاكس ئاپپاراتى ماس قەدەملىك بولۇشى كېرەك ، ئۇنداق بولمسا يېزىق ۋە سۈرەت قىڭىغىر _قىيسىق ، ھەتتا پۈتۈنلەي ئەكىسچە نەرىسگە ئايلىنىپ قالىدۇ . copyright by www.iz.la

مەنبە..............يۈز مېڭلىغان نېمە ئۈچۈن

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس