ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
چارلىس باكورۇچ ئەنگىليەدە 1791- يىلى تۇغۇلغان . ئۇ تۇغما ئەقىللىق بولۇپ ، 24 يېشىدىلا كامبرىج ئۇنىۋېرسىېتىتىنىڭ پروفېسورى بولغان . ئۇ ماتېماتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىش جەريانىدا ماتېماتكىلىق ھېسابلاشىنىڭ ئادەمىنى ئىنىتايىن چارچىتىۋېتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىغان ، شۇڭا بىر خىل ئىقىتىدارى كۈچلۈك بولغان ھېسابلاش ئەسۋابنى ئىجاد قىلىش ئارزۇسىدا بولۇپ كەلگەن . ئەينى چاغدا فرانسيە ھۆكۈمتى بەزى ماتېماتكا جەدۋەللىرىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈۋاتقاچقا ، زور مىقدارىدىكى سانلارنى ھېسابلاش زۆرۈر بولۇۋاتاتتى . شۇنىڭ بىلەن ، ماتېماتكلار مۇرەككەپ ھېسابلاش جەريانلىرىنى بىرقاتار ئاددىي ھېسابلاش ئۇسۇللىرىغا بۆلۈپ ماتېماتكىنى ئانچە چۈشەنمەيدىغان 100 دىن ئارتۇق ئايالىنى ئەكېلىپ ئالدىن بەلگىلەپ قويغان تەرتىپ بويىچە ئايرىم _ئايرىم ھېسابلاتقان ، ئاندىن نەتىجىنى بىر -بىرلەپ يىغىنىچاقلاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشىكەن . باكورچ بۇنڭىدىن ئىلىھام ئېلىپ ، يېڭى ھېسابلاش ئەسىۋابى بەك مۇرەككەپ بولمىسىمۇ ، ئاددىي ئىقىتىدارغا ئىگە بولسلا بولدى ، ئۇنىڭ بىلەن ئالدى تۈزۈلگەن تەرتىپ بويىچە قەدەممۇ قەدەم ھېسابلاش ئېلىپ بارغاندا ، مۇرەككەپ ھېسابلاش مەشغۇلاتىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىغان . ھازىرقى زاماندىكى كومپىيۇتېر مۇشۇ نەزەرىيىگە ئاساسەن لايھىلەنگەن ۋە ياسالغان . باكورچ يەنە سانلىق مەلۇماتلارنى كارتىغا خاتىرىلەشىنى ، يەنى كارتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا تۆشۈك ئېچىپ، شۇ ئارقىلىق ئوخشاشمىغان رەقەملەرنى ئىپادىلەشىنى ئويلاپ چىققان . ھازىرقى زامان كومپىيۇتېرلىرىدا ماگىنىتلىق دىسكا ئىشىلىتىشىتىن ئىلىگىرى ، كارتىغا تۆشۈك ئېچىش ئۇسۇلى بىلەن سانلىق مەلۇماتلار كىرگۈزۈلەتتى ۋە چىقىرىپ بېرىلەتتى . باكورچ كومپىيۇتېرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا ئىنىتايىن چوڭ تۆھپە قوشقاچقا، كىشلەر ئۇنى كومپىيۇتېرنىڭ ئاساسچىسى دەپ ئاتىغان . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەنبە............يۈز مېڭلغان نېمە ئۈچۈن
